جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:
كورېيەنىڭ قۇتقۇزغۇچى خادىملىرى 24-فېۋرال چۈشۈپ كەتكەن تىكئۇچارنىڭ پارچىلىرىنى ۋە قازا قىلغان بىر كىشىنىڭ جەسىتىنى بايقىدى، تىكئۇچاردىكى باشقا تۆت كىشىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلالمىدى. شۇ يەردىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشچە: بۇ تىكئۇچار 23-فېۋرال كەچتە ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ 10 مىنۇتتىن كېيىن جىجۇ ئارىلىغا يېقىن دېڭىز ساھىلىدە يوقاپ كەتكەن. 24-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن، قۇتقۇزغۇچى خادىملار كېچىلەپ ئاختۇرۇپ جىجۇ ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبى دېڭىز ساھىلىدە بۇ تىك ئۇچارنىڭ پارچىلىرىنى ۋە بىر ئايال ساقچىنىڭ جەسىتىنى بايقىغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىتالىيەدە ئىشلەنگەن بۇ تىك ئۇچار كورېيە جەنۇبىي دېڭىز يەرلىك دېڭىز ئوكيان ساقچى نازارىتىگە مەنسۇپ ئىكەن. 23- فېۋرال كەچتە، ئايروپىلان گۇرۇپپىسىدىكى تۆت خادىم جىددىي ۋەزىپە ئۆتەشكە چىقىپ، دېڭىز ساقچى مۇھاپىزەت پاراخوتىدىكى بىر كېسەل ئايالنى ئەكىلىشكە ماڭغان. تىكئۇچار چۈشۈپ كېتىش سەۋەبى ھازىر تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
تەرجىمان: ئىلھام مامۇت