شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مىنسك، 22 – فېۋرال تېلېگراممىسى. بېلارۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان كۇبا دىپلوماتىيە مىنىستىرى رودرېگېس 22 – فېۋرال مىنسكدا: كۇبا بېلارۇسىيە بىلەن مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى دىپلوماتىيە ئىشلىرىدا ئالدىن ئويلىشىدىغان يۆنىلىش قىلىدۇ، كۇبا بېلارۇسىيە بىلەن سىياسىي، ئىقتىساد، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ، دېدى.
بېلارۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رودرېگېس 22 – فېۋرال بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن كۆرۈشكەن. كۆرۈشۈشتە لۇكاشېنكو: بېلارۇسىيە بىلەن كۇبانىڭ بىيو تېخنىكىسى، دورا ياساش قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى ناھايىتى زور. بېلارۇسىيە كۇبا بىلەن ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كۇبا كارخانىلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ، دېگەن.