ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئىسرائىلىيە ئايروپىلانلىرى پەلەستىن زېمىنىنى بومباردىمان قىلدى

2011-يىلى02-ئاينىڭ24-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  ئىسرائىلىيە ئايروپىلانلىرى پەلەستىن زېمىنىنى بومباردىمان قىلدىئىسرائىلىيە ئايروپىلانلىرى پەلەستىن زېمىنىنى بومباردىمان قىلدى
جۇڭگو گېزىتى تورىنىڭ 24-فېۋرال خەۋىرى: ئامېرىكا ئاخباراتلىرىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى 23-فېۋرال چۈشتىن كېيىن گازانىڭ شەرقىي رايونىغا بىر دانە زەمبىرەك ئوقى ئېتىپ، 3 نەپەر بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 ئادەمنىڭ يارىلىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، شۇ كۈنى ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، ئىسرائىلىيەنىڭ 4 توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى ۋە تانكىسى گازا رايونىغا كىرىپ، چېگرا يېنىدىكى ئېتىزلىقلارنى تۈزلەپ تاشلىماقچى بولغان.
كېيىن، پەلەستىن جىھاد تەشكىلاتىنىڭ قارمىقىدىكى قەسەم بېرگادىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ تانكىلىرى ۋە توپا ئىتتىرىش ماشىنىلىرىغا ئىككى راكېتا ئوقى ئاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى 24-فېۋرال دېيىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەرنىڭ راكېتا بومبىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى 24-فېۋرال سەھەردە گازانىڭ بىر قانچە يېرىنى بومباردىمان قىلغان.
نۆۋەتتە، پەلەستىن ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپ ئادەملەرنىڭ ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى توغرىلىق دوكلات تاپشۇرۇپ ئالمىغان.
مەنبە: جۇڭگو گېزىتى تورى 3 پەلەستىنلىك گازانىڭ شىمالىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قازا قىلدى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلەش قارارى 14 ئاۋازنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر