ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلەش قارارى 14 ئاۋازنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى

2011-يىلى02-ئاينىڭ20-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلەش قارارى 14 ئاۋازنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتىئىسرائىلىيەنى ئەيىبلەش قارارى 14 ئاۋازنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى
ب د ت ئىسرائىلىيەنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا داۋاملىق يەھۇدىيلار ئولتۇراق نۇقتىسى قۇرۇشىنى ئەيىبلەش قارار لاھىيىسى 14 ئاۋازنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ھەمدە ئامېرىكا پىرىزدېنتى ئوبامانىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى 15 دۆلەت ئىچىدە 14 دۆلەت ئىسرائىلىيەنىڭ ئەيىبلەشنى قوللىغان، ئەمما ئوباما قارشى ئاۋاز بەرگەن. قارار لاھىيىسىدە 1967-يىلدىن بۇيانقى پەلەستىن زېمىنىدا قۇرۇلغان ئىسرائىلىيە ئولتۇراق نۇقتىلىرى قانۇنسىز دەپ قارىغان ئىدى. ئوبامانىڭ بۇ قىلمىشى پەلەستىنلىكلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى (PLO) ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىگە قايتىدىن ئومۇميۈزلۈك باھا بېرىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى رايس ئاۋاز بېرىشتىن كېيىنكى باياناتىدا چۈشەندۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ قارار لاھىيىسىنى رەت قىلىشىنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئولتۇراق نۇقتىسى قۇرۇشنى قوللىدى دەپ چۈشۈنۈشكە بولمايدۇ، ئامېرىكا بۇ قارار لاھىيىسى پەلەستىن ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىسى يوق دەپ قارايدۇ دېگەن.
قارار لاھىيىسىنى ب د ت نىڭ 120 ئەزا دۆلىتى ئورتاق سۇنغان، 130 دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، جۇڭگونىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى ئىسرائىلىيەنىڭ قىلمىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇدىغانلىقىنى ھەمدە پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەققانىي تەلىپىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ قارار لاھىيىسىنىڭ ماقۇللاشتىن ئۆتمىگەنلىكىگە قاتتىق ئەپسۇسلانغان.
مەنبە: ۋېنخۇي گېزىتى تورى  
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!