ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ۋاقىت گېزىتىنىڭ 2-ئايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ 2012-يىللىق خام چوت تەلىپىنىڭ ئومومىي سوممىسى 17 مىليارد 640 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان، بۇ خام چوتتا 28 دانە « دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ سېرىق ھەرە » ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋېلىش پىلانى بار ئىكەن.
2-ئاينىڭ 14-كۈنى سۇنۇلغان 2012-يىللىق خام چوتتا، ئاساسىي خام چوت قىسىمى 16 مىليارد 140 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، 2011-يىلدىكىدىن 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كۆپەيگەن. بۇنىڭدا 4 مىليارد 660 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى ئاساسىي راسخوت قىلىدىكەن، 4 مىليارد 790 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى پاراخوت ۋە ئايروپىلان يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئاسراشقا ئىشلىتىدىكەن، 4 مىليارد 580 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى يېڭى ئۇرۇش پاراخوتى، ئايروپىلان ۋە قورال سېتىۋېلىشقا، 1 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى تەتقىق قىلىشقا، 3 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى ئاساسىي قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىكەن. ئاساسىي خام چوتتىن سىرت، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ئىراق ۋە ئافغانىستان ئۇرۇشى ئىشلىرى ئۈچۈن 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىشنى تەلەپ قىلغان، بۇلتۇرقىغا قارىغاندا 3 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئازلىغان.
دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ خام چوتىدا، 2016-يىلى جەمئىي 67 دانە F/A-18 E/F دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ سېرىق ھەرە ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋېلىش پىلانى بار بولۇپ، ئەسلى پىلاندىكىدىن 41 دانە كۆپەيگەن. 2012-يىلى ۋە 2013-يىلى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 28 دانىدىن ئايروپىلان سېتىۋالىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، 2016-يىللىق خام چوت يىلىدا جەمئىي 72 دانە F-35C چاقماقII كۈرەشچى ئايروپىلاننى سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلغان. 2012-يىللىق خام چوت يىلىدا 7 دانە F-35C كۈرەشچى ئايروپىلانىنى سېتىۋېلىدىكەن.
مەنبە: سۇمرۇغ تورى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!