پەرھات تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك ِِخەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 18 – فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن 55– قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25 – يىغىنىنى 18 – فېۋرال چۈشتىن كىيىن ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
مۇدىرلار يىغىنىنىڭ تەكلىپ قارالمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25 – يىغىنىدا كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، قالدۇرۇش ئىشلىرى قاراپ چىقىلىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ئالپىسباي رەخىم ، دۇ چىڭرۈي ، لى جى ، نەيىم ياسىن ، مەمتىمىن ياسىن، چۆجۈپ ، ما مىنچىڭ ۋە باش كاتىپ نىشان ئىبراھىملار يىغىنغا قاتناشتى.