ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

مېكسىكا ۋە رۇسىيەدە قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى

2010-يىلى12-ئاينىڭ22-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئالىمجان
* مېكسىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 12 ئادەم قازا قىلدى        شىنخۇا تورى مېكسىكا 21–دېكابىر تېلېگراممىسى : مېكسىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى مېكسىكا ئىشتاتىدا 21–دېكابىر سەھەردە پەۋقۇلئاددە زور قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، 12 ئادەم قازا قىلىپ ،
  

* مېكسىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 12 ئادەم قازا قىلدى  

    شىنخۇا تورى مېكسىكا 21–دېكابىر تېلېگراممىسى : مېكسىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى مېكسىكا ئىشتاتىدا 21–دېكابىر سەھەردە پەۋقۇلئاددە زور قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، 12 ئادەم قازا قىلىپ ، 17 ئادەم يارىلانغان .

   مېكسىكا ئىشتاتى بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مارتىنېز مۇنداق دېگەن ، بۇ 30 توننا تۆمۈر تاياقچە قاچىلانغان پرىتسېپ مېكسىكا فېدراتسىيە رايونىدىكى بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا كېتىۋېتىپ تەكشۈرۈش پونكىتىغا يېقىن كەلگەندە  تورمۇزى ئىشلىمەي ، كونتروللۇقىنى يوقىتىپ ، تەكشۈرۈش پونكىتىدا توختىتىپ قويۇلغان 7 ئاپتوموبىلغا سوقۇلۇپ ، ئاخىرىدا ئۆرۈلۈپ كەتكەن .

    مارتىنىز يەنە ، ۋەقەدە ھازىرغا قەدەر ئالتە نەپەر ساقچى بىلەن ئالتە نەپەر پۇقرانىڭ قازا قىلغانلىقىنى ، قالغان 17 نەپەر يارىدارنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ، بۇنىڭ ئىچىدە پرىتسېپ شوپۇرىنىڭ پۇتىنى پرىتسېپ بېسىۋالغاچقا پۇت كېسىش ئوپېراتسىيىسى قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان .

 
پرىتسېپ ( ماتېرىيال سۈرەت )
 
 
* رۇسىيەدە پەۋقۇلئاددە زور قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ توققۇز ئادەم قازا قىلدى

     شىنخۇا تورى موسكىۋا 21–دېكابىر تېلېگراممىسى : رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئورنىنىڭ 21–دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، كراسنويارسىك چېگرا رايونىدا ، شۇ كۈنى بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى بىلەن بىر يۈك ئاپتوموبىلى ئۆز ئارا سوقۇلۇپ كېتىپ ، توققۇز ئادەم قازا قىلغان ، يەتتە ئادەم يارىلانغان .

   خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن ، ۋەقە شۇ يەر ۋاقتى سائەت 21:30 دا يۈز بەرگەن بولۇپ ، بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى يول يۈرۈۋاتقاندا تۇيۇقسىز ئالدى چاقى ئېتىلىپ كېتىپ ، كونتروللىقىنى يوقىتىپ ، ئالدى تەرەپتىن كېلىۋاتقان چوڭ يۈك ئاپتوموبىلىغا سوقۇلغان ، ۋەقەدە توققۇز ئادەم نەق مەيداندا قازا قىلغان ، ئىككى شوپۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە نەپەر يارىدار دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر