ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

پاكىستاندا قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 32 ئادەم قازا قىلدى

2011-يىلى01-ئاينىڭ24-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
     شىنخۇا تورى ئىسلامئاباد 23–يانۋار تېلېگراممىسى : پاكىستان ساقچى تەرەپنىڭ 23–يانۋار ئېيتىشىچە ، شۇ كۈنى، بىر ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار ئاپتوبۇسى بىلەن بىر نېفىت توشوش ئاپتوموبىلى ئۆز ئارا سوقۇلۇپ كېتىپ ، ئاز دېگەندە 32 ئادەم قازا قىلغان ، نۇرغۇنلىغان ئاد
  

     شىنخۇا تورى ئىسلامئاباد 23–يانۋار تېلېگراممىسى : پاكىستان ساقچى تەرەپنىڭ 23–يانۋار ئېيتىشىچە ، شۇ كۈنى، بىر ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار ئاپتوبۇسى بىلەن بىر نېفىت توشوش ئاپتوموبىلى ئۆز ئارا سوقۇلۇپ كېتىپ ، ئاز دېگەندە 32 ئادەم قازا قىلغان ، نۇرغۇنلىغان ئادەم يارىلانغان .

     پاكىستان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، بۇ ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار ئاپتوبۇسى سىند ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى كاراچىدىن سۇككۇرغا قاراپ يولغا چىققان بولۇپ ، ئاپتوبۇستا 50 دىن ئارتۇق يولۇچى بار ئىكەن . بۇ ئاپتوبۇس خەيدلاباغا يېقىن جايدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا كېتىۋاتقاندا يول بويىغا توختىتىپ قويۇلغان نېفىت توشۇش ئاپتوموبىلىغا سوقۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن ، ئىككى ئاپتوموبىلغا ئوت كەتكەن . ئوت بەك كۈچلۈك ھەمدە ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ دەل ۋاقتىدا كېلەلمەسلىكى سەۋەبلىك ، ئاپتوبۇستىكى نۇرغۇنلىغان يولۇچىلار كۆيۈپ كەتكەن ، پەقەت ئارقىدا ئولتۇرغان بىر نەچچە يولۇچىلا خەتەردىن قوتۇلۇپ قالغان .

    خەۋەر قىلىنىشىچە ، نېفىت توشۇش ئاپتوموبىلىغا  تەخمىنەن 40 مىڭ لىتىر بېنزىن قاچىلانغان ئىكەن .

    ھايات قالغۇچىلارنىڭ ئېيتىشىچە ، ئەينى ۋاقىتتا شوپۇر مۈگدەپ قالغان ، يولۇچىلار كۆپ قېتىم ئەسكەرتكەن بولسىمۇ ئاڭلىماي يول مېڭىۋېرىپ ، بۇ ۋەقەنى سادىر قىلغان .

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!