ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

تۈركىيەدە ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى

2011-يىلى02-ئاينىڭ03-كۈنىمەنبە:news.okyan.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
تۈركىيەنىڭ شىمالىدىكى قارا دېڭىز رايونىغا جايلاشقانZonguldak ئۆلكىسىدە 2-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 7 ئادەم قازا قىلغان، 35 ئادەم يارىلانغان. ئاناتولىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋەقە Zonguldak ئۆلكىسىنىڭ Devrek ناھىيىس
  


تۈركىيەنىڭ شىمالىدىكى قارا دېڭىز رايونىغا جايلاشقانZonguldak ئۆلكىسىدە 2-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 7 ئادەم قازا قىلغان، 35 ئادەم يارىلانغان.
ئاناتولىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋەقە Zonguldak ئۆلكىسىنىڭ Devrek ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، يولۇچىلارنى لىق باسقان ئاپتوبۇس تۇيۇقسىز ئاغدۇرۇلۇپ كېتىپ، 7 ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، قازا قىلغانلار ئىچىدە 3 ياشلىق ئۆسمۈرمۇ بار ئىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ۋەقەدە يارىلانغان 35 ئادەم يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ قۇتقۇزۇلغان، تۈركىيەنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرىۋېتىپتۇ.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!