موسكىۋا يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، موسكىۋانىڭ دومودېدوۋو(Domodedovo) ئايرودرومىدا پارتىلاش يۈز بېرىپ، 35 ئادەم ئۆلگەن، 180ئادەم يارىلانغان. موسكىۋا دائىرلىرى بۇ ھۇجۇمنى ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلتىش ھۇجۇمى دېگەن.
روسىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى پارتىلاش ۋەقەسى 24-يانۋار چۈشتىن كېيىن ئايرودرومنىڭ يۈك-تاق زالىغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەن.
روسىيە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ خادىمى روسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بۇ پارتىلتىش ۋەقەسى تېرورلۇق ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، موسكىۋا ساقچىلىرى پۈتۈن شەھەردىكى ھوشيارلىقنى كۈچەيتكەن.
180 يارىدارنىڭ ئىچىدىكى 48 ئادەمنىڭ يارىسى ناھايىتى ئېغىر ئىكەن.
مەنبە: روسىيە ئاخبارات تورى(نەپرەت)
BBC ۋە CNN تورىنىڭ23-يانۋار خەۋىرىنىڭ MP3 ھۆججىتىنى چۈشۈرىۋېلىڭ
BBC ۋە CNN تورىنىڭ24-يانۋار خەۋىرىنىڭ MP3 ھۆججىتىنى چۈشۈرىۋېلىڭ