ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئوباما فىرانسىيەنى ئامېرىكىنىڭ ‹‹ئەڭ قەيسەر ئىتتىپاقدىشى›› دەپ، ئەنگىلىيەنىڭ دىلىغا ئازار بەردى

2011-يىلى01-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
ماتېرىيال سۈرەت: ساركوزى بىلەن ئوباما    ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما يېقىندا ئامېرىكىغا زىيارەتكە كەلگەن فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ساركوزىغا فىرانسىيە ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن
  

ماتېرىيال سۈرەت: ساركوزى بىلەن ئوباما

   ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما يېقىندا ئامېرىكىغا زىيارەتكە كەلگەن فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ساركوزىغا فىرانسىيە ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن . ئاخبارات ۋاستىلىرىدا دېيىلىشىچە ، بۇ ئىپادە ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شەكىللەنگەن ئالاھىدە مۇناسىۋىتىنى بۇزغان .

   خەۋەردە دېيىلىشىچە ، ئوباما ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئەنگىلىيە ئارمىيەسىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇش خەۋپ - خەتىرىگە قارىماي ، زىيارەتكە كەلگەن فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ساركوزىنى ‹‹كامېروندىن بەك قەيسەر دوست ›› دېگەن . ئۇ يەنە: ‹‹ بىزنىڭ ساركوزى ۋە فىرانسىيەدىنمۇ كۈچلۈك ئىتتىپاقدىشىمىز يوق›› دېگەن.

   ئىگىلىنىشىچە ، ئوبامانىڭ ئاقسارايدا بىلدۈرگەن بۇ ئىپادىسى ئەنگىلىيە دىپلوماتىيە دائىرىلىرىدە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان قاراشنى كۈچەيتىۋەتكەن . ئۇلار يېقىنقى بىر قانچە نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ، ئوباما ئاتالمىش ئالاھىدە مۇناسىۋەتكە ئېتىبار بەرمىدى ، دەپ قارىغان.

   ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى ئومۇميۈزلۈك مۇنداق كۆرسەتتى: ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ، ئەنگىلىيە ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى مەقسەتلىك سوغۇقلاشتۇردى . بروۋىن ئەنگىلىيەنىڭ باش ۋەزىرى چاغدا ، ئوباما ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئىككى تەرەپ سۆھبىتى تەلىپىگە ئىنتايىن سوغۇق مۇئامىلە قىلغان.

   ئەنگىلىيە تالىبانغا زەربە بېرىش ئۇرۇشىدا 350 ئەسكىرىدىن ئايرىلدى ، ھالبۇكى بۇ سان فىرانسىيەنىڭكىنىڭ يەتتە ھەسسىسىگە باراۋەر . نۆۋەتتە ، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەنگىلىيە ئەسكىرى يەنىلا ئافغانىستاننىڭ خېلماند ئۆلكىسىدە ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتىدۇ ، لېكىن فىرانسىيەنىڭ ئاران 3850 ئەسكىرىلا بار.

   ئوبامانىڭ بۇ سۆزى ۋاشىنگتوندىكى كونسېرۋاتىۋ سىياسەتۋازلارنىمۇ غەزەپلەندۈردى . بەزىلەر: ‹‹فىرانسىيەلىكلەر نېمە قىلىپ بەرگىنىگە ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ بۇنداق ماختىشىغا سازاۋەر بولىدۇ؟›› دېدى.

( مۇھەررىر : شەرىپە )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!