ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

رۇيئەن شەھىرىدە ئاممىۋى ئاپتوبوس يولدىكى ئازگالدا ساڭگىلاپ قالدى

2011-يىلى01-ئاينىڭ17-كۈنىمەنبە:www.nur.cn يوللىغۇچى: ئايگۇل
شىنخۇا تورى خاڭجۇ 1- ئاينىڭ 16- كۈنىدىكى تېلېگراممىسى: 16- يانۋار جېجياڭ ۋېنجۇ رۇيئەنشەھىرى بىرنىچى يولىدا پارتىلاش يۈز بېرىپ ،10 مېتىر چۇڭقۇرلۇقتىكى ئازگالنى پەيدا قىلغان، بۇ يولدا قاتنايدىغان بىر ئاپتوبوس بۇ ئازگالدا تۆت مېتىر ئىگىزلىكىگە قىسىلىپ قالغان
  


شىنخۇا تورى خاڭجۇ 1- ئاينىڭ 16- كۈنىدىكى تېلېگراممىسى: 16- يانۋار جېجياڭ ۋېنجۇ رۇيئەن شەھىرى بىرنىچى يولىدا  پارتىلاش يۈز بېرىپ ،10 مېتىر چۇڭقۇرلۇقتىكى ئازگالنى پەيدا قىلغان، بۇ يولدا قاتنايدىغان  بىر ئاپتوبوس بۇ ئازگالدا تۆت مېتىر ئىگىزلىكىگە  قىسىلىپ قالغان بولۇپ،  قۇتقۇزۇش ئارقىلىق شوپۇر ئامان ئىسەن قۇتقۇزۇپ چىقىلغان .يەرلىك ئوتتىن مۇداپىيە كۆرۈش تارماقلىرىنىڭ دىيىشىچە: 16- يانۋار جېجياڭ ۋېنجۇ رۇيئەن شەھىرى دوڭشەن شيابۇ ماي قاچىلاش پونكىتى ئەتراپىدىكى تاشيولدا تۇيۇقسىز پارتىلاش يۈز بېرىپ، يول يۈزىدىن دىئامېتىر ئون مېتىر كىلىدىغان بىر ئازگال پەيدا بولۇپ قالغان. بىر ئاپتوبۇس ئازگالنىڭ  تۆت مېتىر ئىگىزلىك ئورنىغا  ئىسىلىپ قالغان ، بەختكە يارىشا شوپۇر قۇتقۇزۇپ قىلىنغان.  رۇيئەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى، ئوتتىن مۇداپىيەلىنىش ، تاشيول ئىدارىسىدىكى خادىملار تېز سۈرئەتتە يېتىپ كىلىپ ئاپتوبوس شوپۇرىنى قۇتقۇزۇپ چىققان. پارتىلاش كەلتۈرۈپ چىقارغان  ئازگال يولنى ئۈزىۋىتىپ، نۇرغۇن ماشىنىلارنىڭ توختاپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. رۈيئەن شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى گۇرۇپپا تەشكىللەپ نەق مەيدانغا يېتىپ كىلىپ رازۋىدكا قىلدى ۋە ماشىنىلارنى تارقاقلاشتۇردى.پارتىلاش سەۋەبى  مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن داۋاملىق تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ. 

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!