ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

خۇ جىنتاۋ ئوباما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2011-يىلى01-ئاينىڭ20-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئاق سارايدا زۇڭتۇڭ ئوباما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ، جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ھەمدە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى    شىنخۇا تورى ، ۋاشىنگتون 19–يانۋار تېلېگراممىسى : ئامېرىكىدا دۆلەت ئى
  

دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئاق سارايدا زۇڭتۇڭ ئوباما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ، جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ھەمدە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى

   شىنخۇا تورى ، ۋاشىنگتون 19–يانۋار تېلېگراممىسى : ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 19–يانۋار ئاق سارايدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى . سۆھبەتتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىردەك دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ ، ئورتاق تىرىشىپ ، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ، ئۆز ئارا ئورتاق پايدا–مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان جۇڭگو–ئامېرىكا ھەمكارلىقىدىكى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشقا قوشۇلدى . ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم يۆنىلىشى ۋە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ساھەلەرنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى .

   خۇ جىنتاۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : مەن 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ ئامېرىكا خەلقىگە بولغان چوڭقۇر دوستلۇق ھېسياتىنى ئېلىپ ، ئامېرىكىغا زىيارەتكە كەلدىم . جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى كەلگۈسىگە قانداق باشلاش نۆۋەتتىكى مۇھىم تېما . جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ، ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسىنى چىقىش قىلىپ ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت–سائەدەت يارىتىش ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە ئورتاق مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى كۆزدە تۇتۇپ ، سۆھبەتنى كۈچەيتىپ ، ئۆز ئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئالاقىنى كېڭەيتىپ ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق ، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ .

   خۇ جىنتاۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : 2009–يىلى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى لوندوندا تۇنجى قېتىم ئۇچراشقاندىن بۇيان ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا 8 قېتىم ئۇچراشتى . ئىككى دۆلەت خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، خەلقئارا جەمئىيەتتە ئىجابىي تەسىر پەيدا قىلدى . جۇڭگو–ئامېرىكا ئىقتىساد–سودا ، ئېنېرگىيە ، مۇھىت ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ئىككى تەرەپ ساھەلەر ھەمكارلىقى ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ ، ئىككى دۆلەت خەلقنىڭ ئالاقىسى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى .

   خۇ جىنتاۋ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى : ئەمەلىيەت ياخشى بولغان جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئاسىيا ، تىنچ ئوكيان رايونى ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ، مۇقىملىقى ، گۈللىنىشىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى . بۈگۈنكى كۈندە ، خەلقئارا ۋەزىيەتتە مۇرەككەپ ئۆزگىرىش يۈز بېرىۋاتىدۇ . جۇڭگو–ئامېرىكا خەلقئارا جەمئىيەتتىكى مۇھىم تەسىرگە ئىگە ئىككى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئىجابىي ھەمكارلىقتىكى جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك . جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى يېڭىچە پىكىر يولى ، يېڭىچە ھەرىكەت ، يېڭىچە كەيپىياتقا ئېھتىياجلىق . خۇ جىنتاۋ جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا بەش تۈرلۈك پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى .

   1. ئوخشاش پىكىردە بىرلىككە كېلىپ ، ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشلىرىنى ساقلاپ قالىدىغان ، باراۋەر ، ئۆز ئارا ئىشىنىدىغان سىياسىي مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش . 2. ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلاشقان ، ئۆز ئارا پايدا–مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش . 3. خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرىدىغان يەر شارى خاراكتېرلىك ھەمراھلىق ، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى قانات يايدۇرۇش . 4 . خەلق كەڭ كۆلەمدە قاتناشقان جۇڭگو–ئامېرىكا دوستلۇق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش . 5 . ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، سەمىمىي سۆھبەتلىشىدىغان يۇقىرى قاتلام ئالاقە شەكلىنى ئورنىتىش .

     ئوباما رەئىس خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ، خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنى ئامېرىكا–جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ ، دەپ قارىدى . ئۇ مۇنداق دېدى : مەن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ، ئامېرىكا–جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرلەش بولدى ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات كۆلىمى ۋە سۈرئىتى  دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 32 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى ھالەتكە كەلدى . بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى ، ئامېرىكا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ ھەمدە ئۆز ئارا ئىشەنچ ۋە ئورتاق مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ .    

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!