ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

تۈركىيە دېپلوماتىيىسى لىۋاندا مالىمانچىلىق يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى

2011-يىلى01-ئاينىڭ21-كۈنىمەنبە:news.okan.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
لىۋان سابىق باش مىنىستىرى ھاررىينىڭ سۈيقەستكە ئۇچراش ۋەقەسىنى ئەيىبلەش كەلتۈرۈپ چىقارغان سىياسىي كىرزىسنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رايونلۇق مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تۈركىيە رەھبەرلىرىدىن باش مىنىستىر ئەردوغان، دېپلوماتىيە مىنىستىرى ئەخمە
  


لىۋان سابىق باش مىنىستىرى ھاررىينىڭ سۈيقەستكە ئۇچراش ۋەقەسىنى ئەيىبلەش كەلتۈرۈپ چىقارغان سىياسىي كىرزىسنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رايونلۇق مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تۈركىيە رەھبەرلىرىدىن باش مىنىستىر ئەردوغان، دېپلوماتىيە مىنىستىرى ئەخمەد داۋۇتئوغلۇ دەمەشىقتە  سۇرىيە پىرىزدېنتى بەشىر ئەل-سائاد ۋە قاتار ئەمىرى شەيىخ ھاماد بىن خەلىفە بىن سانى قاتارلىقلار بىلەن لىۋان مۇقىمسزلىقى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.
ئەردوغان دەمەشىققە بېرىشتىن ئىلگىرى ئىستانبولدا مۇخبىرلارغا:« نۆۋەتتە، ئوتتۇرا شەرق رايونىدا كۆپلىگەن توقۇنۇش ۋە مۇقىمسىزلىك مەۋجۇت. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ مەسىلىلەرنى تەكشۈرگەندە، بىز بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئۆز ئارا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتۇق. مۇنداق مۇھىتتا، بىزنىڭ رايونىمىز لىۋان بىلەن بىللە يېڭى مۇقىمسىزلىق مۇھىتىغا كىرىپ قېلىشىغا ھەرگىز بولمايدۇ. بىز بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق كىرزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىزنىڭ نېمە قىلىش كېركلىكىمىزنى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ چوقۇم نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى مۇزاكىرە قىلىمىز » دېگەن.
ئالدىنقى ھەپتە لىۋان ئاللاھ پارتىيىسى ۋە ئىتتىپاقدىشى ئىچكى كابېنتتىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، لىۋان باش مىنىستىرى سائاد ھاررىينىڭ 14 ئاي بولغان بىرلەشمە ھۆكۈمىتى غۇلاپ چۈشكەن ئىدى. ھاررى ئالدىنقى ھەپتە ئەنقەرەنى زىيارەت قىلىپ، تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغاننىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكچى بولغان ئىدى.
زىيارەت جەريانىدا تۈركىيە ۋە قاتارنىڭ دېولوماتىيە مىنىستېرلىرى لىۋان پىرىزدېنتى بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە لىۋان ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ھەسەن نەسرۇللاھ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
مەنبە: تۈركىيە بۈگۈنكى زامان تورى(نەپرەت)

ئاللاھ پارتىيىسى ھاررىي ھۆكۈمىتىگە قايتىپ كەلمەيدۇ

 

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!