ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

تۈركىيە بىلەن جۇڭگو ھەربىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

2011-يىلى01-ئاينىڭ29-كۈنىمەنبە:news.okyan.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
2009-يىلى3-ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەپتىسى، ئەنقەرە بىلەن بېيجىڭ قويۇق ھەربىي ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم بىر قەدەمنى باستى.3 -ئاينىڭ24-كۈنىدىن باشلاپ ،تۈركىيە ھەربىي ئىنىستۇتىنىڭ مۇدىرى ھەسەن ئاقساي جۇڭگودا 3 كۈن زىيارەتتە بولدى. ئەلۋەتت، بۇ تۈركىيە ھەربىي تەرەپنىڭ
  


    2009-يىلى3-ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەپتىسى، ئەنقەرە بىلەن بېيجىڭ قويۇق ھەربىي ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم بىر قەدەمنى باستى.3 -ئاينىڭ24-كۈنىدىن باشلاپ ،تۈركىيە ھەربىي ئىنىستۇتىنىڭ مۇدىرى ھەسەن ئاقساي جۇڭگودا 3 كۈن زىيارەتتە بولدى. ئەلۋەتت، بۇ تۈركىيە ھەربىي تەرەپنىڭ جۇڭگونى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشى ئەمەس:1985-يىلدىن بۇيان ، تۈركىيە تەرەپ 18 تۈركۈم ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكىنى(تەخمىنەن200ئادەم) جۇڭگوغا زىيارەتكە ئەۋەتىپ بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جۇڭگومۇ تۈركىيەگە 14 تۈركۈم ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكىنى(تەخمىنەن330ئادەم)زىيارەتكە ئەۋەتتى. بۇلار پەقەت ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلرى، ئەمەلىي سان تېخىمۇ كۆپ بولىشى مۇمكىن ھەمدە بۇ سانلار تۈركىيە جۇڭگو ھەربىي ئىشلار مۇناسىۋىتىنىڭ پۈتكۈل مەزمۇنىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.
    يۈزەكى قارىغاندا، ئاقساي گېنرلنىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلىشى جۇڭگو بىلەن تۈركىيە مۇناسىۋىتىدە مۇھىم بۆسۈش ھاسىل قىلالمايدۇ، تۈركىيە ھەربىي ئىنىستۇتىنىڭ مۇدىرىدىن ئىبارەت بۇ ھەربىي ئەمەلدارمۇنداق ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمايدۇ. ئاقساي گېنرالنى كۈتىۋېلىشقا مەسئول بولغان جۇڭگو ھەربىي ئەمەلدارلىرىمۇ مۇئاۋىن باش شىتاب باشلىقى گې جېنفېڭ(葛振峰) بىلەن دۆلەت مۇداپىئە ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ شىبىن (王喜斌) بولۇپ، ئۇلار جۇڭگونىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرى ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ، ئاقساي گېنرالنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. چۈنكى بۇ قېتىمقى زىيارەت ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلدارلىرىغا ئەمەس، بەلكى جۇڭگو تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەقىياتىغا چېتىلىدۇ. بۇرۇنقى قاراشلاردا دېيىلگىنىدەك، تۈركىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئە مۇناسىۋىتى ھەرگى ز«ھەربىي خادىملار مۇناسىۋىتى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ». كىشىلەرنىڭ ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بىلمەيدىغان يېرى، ئۆتكەن15يىلدا، بېيجىڭ بىلەن ئەنقەرەنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقى تېز تەرەققىياتقا ئېرىشتى.
    جۇڭگو بىلەن تۈركىيە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ بېشىدا كورىيە ئۇرۇشىدا بىر-بىرىگە تىغ كۆتۈرۈشكەن ئىدى. موشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ئىشلار مۇناسىۋىتىدە ھەقىقەتەن زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. 1950-يىلى11-ئاينىڭ ئاخىرىدا، 5000 نەپەر تۈركىيە ئەسكىرى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر قوشۇنى» لاگېرىغا قوشۇلدى، ئۇلار جۇڭگو پىدائىيلار قىسىمى بىلەن نەچچە قېتىم توقۇنۇشتى. بۇ  توقۇنۇشلار ئىككىلا تەرەپتە ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم پەيدا قىلدى.Kunu Riئۇرىشى كورىيە ئۇرۇشىدىكى ئەڭ قانلىق ئۇرۇشلارنىڭ بىرى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا تۈركىيە ئارمىيىسى 900 جۇڭگو ئەسكىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. دەسلەپكى توقۇنۇشتىن باشلاپ1953 -يىلى7-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى ئۇرۇش توختاتقىچە بولغان ئارىلىقتا كۆپ قېتىم قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى. بۇ ئۇرۇشتا تۈركىيە ئەسكەرلىرىنى ئۈزلۈكسىز دۆلتىگە قايتۇرۇپ، يەنە يېڭى ئەسكەرلەرنى ئۈزلۈكسىز ئۇرۇش مەيدانىغا توشۇپ كېلىپ تولۇقلاپ تۇردى. پۈتكۈل ئۇرۇش ئاخىرلاشقىچە،جەمئىي 25 مىڭدىن ئارتۇق تۈركىيە ئەسكىرى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر قوشۇنى» غا ئەگىشىپ ئۇرۇش قىلدى .تۈركىيە ئارمىيىسىدىن ئۆلگەن-يارىلانغانلار3277گە يەتتى.بۇنىڭ ئىچىدە، 721ئەسكەرى ئۆلدى، 2147ئەسكەرى يارىدار بولدى، 175ئەسكەرى يوقاپ كەتتى، 234ئەسكەرى ئەسىرگە چۈشتى.
    دەل مۆلچەر قىلغاندەك، تۈركىيەنىڭ كورىيە ئۇرۇشىغا قاتنىشىشى بىلەن، غەرب بىخەتەرلىك سېستىمىسى تۈركىيەنى ئۆزىگە سىڭدۈردى. 1951-يىلى 10-ئاينىڭ22 -كۈنى، ش ئا ئە ت تۈركىيەنى قوبۇل قىلدى. 1952-يىلى2 -ئاينىڭ 18-كۈنى ش ئا ئە ت نىڭ رەسىمىي ئەزا دۆلىتى بولدى. ئۇ چاغدا كورىيە ئۇرۇشى داۋاملىشىۋاتاتتى. جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ كورىيە ئۇرۇشىدا تىركىشىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىيەنىڭ ش ئا ئە ت گە ئەزا بولىشى ئىككى دۆلەتنىڭ دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنى 20يىلغا يېقىن كېچىكتۈرىۋەتتى. ناھايىتى ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە ئىككى دۆلەت دۈشمەنلەشتى. ئېھتىمال بۇ دۈشمەنلىشىش تاكى ھازىرغىچە مەلۇم دەرىجىدە مەۋجۇت بولىشى مۇمكىن. « ھازىرقى زامان تۈركىيەلىكلەرنىڭ نەزىرىدە، جۇڭگو باشقا شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدەك دوستانە ئەمەس »، كورىيە ئۇرىشى ئىككى دۆلەتنىڭ مۇنداق مۇناسىۋىتىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ تۈگۈنى. تارىخنىڭ چاقى چۆرگىلەپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلىرىدىن 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئاندىن جۇڭگو تۈركىيە مۇناسىۋىتىدە ياخشىلىنىش بولدى.
    ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، تۈركىيە بىلەن ۋاشىنگىتوننىڭ M270 تىپلىقكاتيۇشانى بىرلىشىپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش توغرىسىدىكى سۆھبىتى بۇزۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، تۈركىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەربىي ئىشلار ساھەسىدىكى ھەمكارلىق توغرىسىدىكى ئىزدىنىشى باشلاندى. ۋاشىنگىتون ئەنقەرەنى« ئامېرىكا تەمىنلىگەن قوراللاردىن پايدىنلىنىپ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلدى »دەپ ئەيىبلىدى ھەمدە تۈركىيەگە ھەربىي تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشنى چەكلىدى، تۈركىيەگە ئىقتىسادىي ياردەم ۋە قەرز بېرىشنى توختاتتى. ئىلگىرى ئامېرىكا تۈركىيەگە ئامېرىكىدىن قورال سېتىۋېلىشىغا مەبلەغ ۋە قەرز تەمىنلىگەن ئىدى. بەزى چاغدا قورال ئىمبارگوسى يۈرگۈزۈش ۋە جازالاشنىڭ رولى ئەكسىچە بولۇپ چىقىدۇ. مۇنداق قىلىش جازاغا ئۇچرىغان دۆلەتنى ھەربىي مۇستەقىللىقنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشكە مەجبۇر قىلىدۇ ھەم باشقا دۆلەتلەردىن قورال سېتىۋالىدۇ، ھەربىي تېخنىكىغا ئېرىشىدۇ.
    1997-يىلى، تۈركىيە تۇنجى قېتىم جۇڭگو بىلەن ھەربىي ئەسلىھەرلەر توختامىنى ئىمزالىدى، جۇڭگودىن 24يۈرۈش «قوغدىغۇچى-1»تىپلىق 302 مىللىمېتىرلىق ،تىزگىنەكسىز كۆپ سىتۇۋوللۇق زەمبىرەك سېستىمىسىنى سېتىۋالدى، بۇنىڭدىن سىرت تۈركىيە 144 يۈرۈش مۇنداق كۆپ سىتوۋوللۇق زەمبىرەك سېستىمىسىنى قۇراشتۇردى. جۇڭگو تېخنىكىسى ئاساسىدا، تۈركىيە ئىجازەتنامە ئالغان ئەھۋالدا،TR-300تىپلىق زەمبىرەك سېستىمىسىنى ئىشلەپ چىقاردى، بەزى ئىقتىدارلىرى جۇڭگونىڭ « قوغدىغۇچى-1 »تىپلىق زەرمبىرەك سېستىمىسىدىن ئىلغار تۇرىدۇ.
    1998-يىل ئاخىرىدا، تۈركىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى جۇڭگونىڭ نازۇك ماشىنىلار ئىمپورت ئېكىسپورت باش شېركىتى بىلەن توختام ئىمزالاپ، 15دانە جۇڭگونىڭ ئەڭ ئىلغار B-611تىپلىق قىسقا مۇساپىلىق يەردىن يەرگە قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرىلىدىغان بومبىسىنى سېتىۋالدى ھەمدە بۇ خىلدىكى باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن 200 دانىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشتى، ئومۇمىي قىممىتى300مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ. تۇنجى باشقۇرىلىدىغان بومبا ئېھتىمال 2001-يىلىلا سەپلەنگەن بولىشى مۇمكىن. مەخپىيەتلىكنى ساقلاشنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ تۈر « J-600Tقۇرۇلىشى »دەپ ئاتالدى.2007-يىلى3-ئايدا، تۈركىيە بۇ خىل قورالنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەنئەنىۋى قوراللار تىزىملىكىگە تىزىمغا ئالدۇردى. 2007-يىلى8-ئاينىڭ30-كۈنى، تۈركىيە بۇ يېڭى تىپتىكى يەردىن يەرگە قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرىلىدىغان بومبىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ۋۇجۇتقا چىقاردى. B-611 تىپلىق يەردىن يەرگە قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرىلىدىغان بومبىنىڭ لاھىيلىنىشى جۇڭگونىڭ « شەرق شامىلى- 11»تىپلىق قىسقا مۇساپىلىق تراكتورىيىلىك باشقۇرىلىدىغان بومبىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، تۈركىيە پەن-تېخنىكا تەتقىقات كومىتىتى، ماشىنا ۋە خىمىيە سانائىتى شېركىتى ۋە جۇڭگو  ئالەم تېخنىكىسى قۇرۇلىشى گۇرۇھى شېركىتى(CASIC)بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بىر خىل قىسقا مۇساپىلىق، قاتتىق يېقىلغۇلۇق تراكتورىيىلىك باشقۇرىلىدىغان بومبا دەپ ئاتالدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!