ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئەزەربەيجان كېلەر ئايدىن باشلاپ ئىراننى گاز بىلەن تەمىنلەيدۇ

2011-يىلى01-ئاينىڭ13-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
   ماتېرىيال سۈرەت: ئەزەربەيجان بىلەن چېگرىداش دۆلەتلەر خەرىتىسى    شىنخۇا تورى ، باكۇ ، 12–يانۋار تېلېگراممىسى : ئەزەربەيجان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى 12–يانۋار باكۇدا ئىران تەبىئىي گاز ئېكسپورت شىركىتى بىلەن مۇددىتى بەش يىللىق تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش تو
  

   ماتېرىيال سۈرەت: ئەزەربەيجان بىلەن چېگرىداش دۆلەتلەر خەرىتىسى

   شىنخۇا تورى ، باكۇ ، 12–يانۋار تېلېگراممىسى: ئەزەربەيجان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى 12–يانۋار باكۇدا ئىران تەبىئىي گاز ئېكسپورت شىركىتى بىلەن مۇددىتى بەش يىللىق تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش توختامى ئىمزالىدى، توختام بويىچە ئەزەربەيجان بۇ يىل فېۋرالدىن باشلاپ ئىرانغا تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىدۇ .

   توختام ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئەزەربەيجان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ لېدىرى ئابدۇللايوف مۇنداق دېدى: ئەزەربەيجان ھازىر يېتەرلىك تەبىئىي گاز زاپىسىغا ئىگە ، نۆۋەتتە ، بۇ دۆلەت رۇسىيە ، گىرۇزىيە ۋە تۈركىيەگە تەبىئىي گاز چىقىرىۋاتىدۇ ، فېۋرالدىن باشلاپ ئىراننىمۇ گاز بىلەن تەمىنلەيدۇ.

   ئىگىلىنىشىچە ، 2011–يىلى ئەزەربەيجان ئىراننى 1 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ئىراننى گاز بىلەن تەمىنلەشنى كېڭەيتىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، ئەزەربەيجان تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىكەن ھەمدە قىسمەن تەبىئىي گاز تۇرۇبىلىرىنى ئۆزگەرتىدىكەن.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەزەربەيجان تەبىئىي گاز ئېچىش ۋە ئېكسپورت قىلىشنى كېڭەيتكەن. ھۆكۈمەت ئاشكارىلىغان سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، ئەزەربەيجاننىڭ 2010 – يىللىق تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مىقدارى 27 مىليارد كۇب مېتىر بولغان.

( مۇھەررىر : شەرىپە )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!