تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان مىسىر پىرىزدېنتى مۇبارەكنىڭ خەلقنىڭ ساداسىنى ئاڭلىشىنى ھەمدە يېڭى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا دەۋەت قىلغان.
ھەر قايسى چوڭ گېزىتلەر مىسىر مەسىلىسىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋالغانلىقىنى تەنقىد قىلغاندىن كېيىن، 1-فېۋرال، تۈركىيە ئاخىرى مىسىر كىرزىسىدىن كېيىنكى سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىنى بۇزغان.
تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت يىغىنىدا:« مۇبارەك ئەپەندىم، مەن سىزگە ناھايىتى سەمىمىيلىك بىلەن تەكلىپ بەرمەكچى، تۈزلا قىلىپ ئاگاھلاندۇراي... بىز ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز، مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىزنىڭ ئاخىرقى بارار جايىمىز ئىككى كىۋادىرات مېتىرلىق گۆر » دېگەن.
ئەردوغان:« سەن چوقۇم خەلقنىڭ ساداسىنى ئاڭلىشىڭ كېرەك، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق بەرپا قىلىشىڭ كېرەك. ئالدى بىلەن، سەن مىسىر ئۈچۈن ياخشى قەدەم باس، ئاممىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرغىن » دېگەن.
تۈركىيە مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى بىردىنبىر دېموكراتىك دۆلەت دېگەن شەرەپكە نائىل بولغان.
مەنبە: ئەل-جەزىرە تورى، تۈركىيە بۈگۈنكى زامان تورى(نەپرەت)
دەسلەپتە، ھەربىيلەر بىلەن نامايىشچىلار بىر توپ بولۇپ كەتكەن، ھەتتا قېرىنداشلىرىغا ئوق چىقارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما، ئامما تېلىۋىزوردىن مۇبارەكنىڭ ھەربىي تەرەپنىڭ يادرولۇق رەھبەرلىرى بىلەن يىغىن ئېچىۋاتقانلىقىنى، يەنىلا چوڭ ھوقوقنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. ئۇلار ھەربىيلەر سىرتقى جەھەتتىن ئاممىغا ياخشىچاق بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ۋاقىتنى ئارقىغا سوزۇش ئارقىلىق، مۇبارەكنىڭ تۇققىنى، مۇئاۋىن پىرىزدېنت سۇلايماننى ۋارىسلىققا ئورۇنلاشتۇرىشىغا ياردەم قىلىۋاتىدۇ دەپ گۇمان قىلغان.
نۇرغۇن تانكا ۋە بروۋنىكلار قاھىرە شەھىرىگە كىرگەن، نامايىشچىلار ئادەم زەنجىرى ھاسىل قىلىپ، تانكىلارنىڭ تەھرىر مەيدانىغا كىرىشىنى توسقان. نامايىشچى ئامما ھەربىي تەرەپنىڭ پوزىتسىيىسىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىغان. بەزىلەر ھەربىيلەر ئەڭ ئاخىرىدا قانلىق باستۇرۇشى مۇمكىن دەپ ئەندىشە قىلغان.