ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

موسكۋا 26 - يانۋارنى تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى دەپ ئېلان قىلدى

2011-يىلى01-ئاينىڭ27-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
  كىشىلەر قازا قىلغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈرمەكتە    جۇڭگو ئاخبارات تورى، 26 - يانۋار تېلېگراممىسى: رۇسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 25 – يانۋار خەۋەر قىلىشىچە ، موسكۋا شەھىرى ۋە موسكۋا ئوبلاستى 26 - يانۋارنىڭ تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى قىلىنىپ، دومودېدوۋو ئايرودرومىد
  
 
كىشىلەر قازا قىلغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈرمەكتە

   جۇڭگو ئاخبارات تورى، 26 - يانۋار تېلېگراممىسى: رۇسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 25 – يانۋار خەۋەر قىلىشىچە ، موسكۋا شەھىرى ۋە موسكۋا ئوبلاستى 26 - يانۋارنىڭ تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى قىلىنىپ، دومودېدوۋو ئايرودرومىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە قازا قىلغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

   خەۋەردە ئېيتىلىشىچە ، موسكۋا ئوبلاستىنىڭ باشلىقى بورىسپول گروموف ۋە موسكۋانىڭ شەھەر باشلىقى سېرگېي سوبيانىن 24 - يانۋار موسكۋا ئوبلاستىدىكى دومودېدوۋو ئايرودرومىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە قازا قىلغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سوراش ئۈچۈن ، 26 - يانۋارنى موسكۋا شەھىرى ۋە موسكۋا ئوبلاستىنىڭ تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى قىلىپ بېكىتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن . بۇ كۈنى موسكۋا شەھىرى ۋە موسكۋا ئوبلاستىدا بايراق يېرىم چۈشۈرۈلىدىكەن ھەمدە رادىيو - تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى تارقىتىش ئورگانلىرى ۋە مەدەنىيەت ئورگانلىرى بارلىق كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدىكى پىروگرامما ۋە پائالىيەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىكەن .

   موسكۋا دومودېدوۋو خەلقئارا ئايرودرومىدا شۇ يەر ۋاقتى 24 - يانۋار سائەت 16:32 دە بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، 35 ئادەم قازا قىلىپ ، 180 ئادەم يارىلانغان . دەسلەپكى ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە ، ئەينى چاغدا تېررورچى ئايروپىلان ساقلاۋاتقان مىغ - مىغ ئادەم ئارىسىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان ئىكەن.

( مۇھەررىر : مەريەمگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!