27-يانۋار، مۇبارەكنىڭ تەخىتتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىپ كۆتۈرۈلگەن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركەتلىرى 3-كۈنىگە قەدەم قويدى.
غەزەپلەنگەن نامايىشچىلار مىسىرنىڭ شەرقىدىكى سۇۋەيىش شەھىرىدە بىر ساقچى قاراۋۇلخانىسىغا ئوت قويۇپ تاشلىغان، گەرچە بىخەتەرلىك قىسىملىرى زەربە بېرىش سالمىقىنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، توپىلاڭ بىر قانچە شەھەرگە يامراپ كەتكەن.
ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر رېيتىر ئاگېنلىقىغا دېيىشىچە، 27-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، نامايىشچىلار بېنزىن بومبا ئارقىلىق ساقچى قاراۋۇلخانىسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلاشتىن ئىلگىرى ساقچىلار قېچىپ چىققان.
نەچچە ئونلىغان ئادەم 27-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ساقچىخانىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، 25-يانۋار نامايىشتا تۇتۇۋالغان تۇققىنىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
بىرلا ۋاقىتتا، پائالىيەتچىلەر 27-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن قاھىرەدە مىسىر پىرىزدېنتى ھۆسنى مۇبارەكنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنغاندا، ساقچىلار بىلەن توقۇنۇش يۈز بەرگەن.
شەرقىي قىسىمدىكى ئىسمائىلىيە شەھىرىدە، نەچچە يۈز نامايىشچى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان، ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش ئوقى ئېتىپ تارقىتىپ تاشلىغان.
27-يانۋار ئەتىگەندە ۋەزىيەت سەل پەسكويغا چۈشكەن، قارشىلىق بىلدۈرۈش ھەركىتى ئېھتىمال نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى، ب د ت ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئورگىنىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد بارادىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن يىغىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
بارادى ۋىنادىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا، مۇبارەكنىڭ تەختتىن چۈشىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى دېگەن.
مەنبە:ئەل-جەزىرە تورى، Yahooتورى(نەپرەت)