ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئىران ئەڭ يېڭى تىپتىكى راكېتا ۋە سۈنئىي ھەمراھنى كۆرگەزمە قىلماقچى

2011-يىلى01-ئاينىڭ31-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
   ‹‹ ئىزدىگۈچى 3–نومۇر ›› ناملىق راكېتا    چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ئىران 30–يانۋار ، ئىران ئىسلام ئىنقىلابى غەلبە قىلغانلىقىنىڭ 32 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ئەڭ يېڭى تىپتىكى راكېتا ۋە سۈنئىي ھەمراھنى كۆزگەزمە قىلىدىغانلىقىنى
  
 
 ‹‹ ئىزدىگۈچى 3–نومۇر ›› ناملىق راكېتا

   چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ئىران 30–يانۋار ، ئىران ئىسلام ئىنقىلابى غەلبە قىلغانلىقىنىڭ 32 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ئەڭ يېڭى تىپتىكى راكېتا ۋە سۈنئىي ھەمراھنى كۆزگەزمە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .

   ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، 10 كۈنلۈك تەبرىكلەش پائالىيىتى كېيىنكى ھەپتىنىڭ 2–كۈنى باشلىنىدىغان بولۇپ ، پائالىيەت داۋامىدا ‹‹ Safir 1–B ››  ۋە ‹‹Kavoshgar 4›› ( ئىزدىگۈچى 4–نومۇر ) ناملىق راكېتا ھەمدە ‹‹ Rasad ›› ۋە ‹‹ Fajr ›، ناملىق سۇنئىي ھەمراھلار كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن . 

   خەۋەر قىلىنىشىچە ، 11–فېۋرال ئىران ئىسلام ئىنقىلابى غەلبە قىلغانلىقىنىڭ 32 يىللىق خاتىرە كۈنى بولۇپ ، ئىران ھەر يىلى موشۇ ۋاقىتتا ئەڭ يېڭى پەن– تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىدىكەن .  

 
 ‹‹ ئىزدىگۈچى 3 - نومۇر ›› ناملىق راكېتا
 

 ‹‹ سۇمرۇغ ›› ناملىق راكېتا

( مۇھەررىر : مەريەمگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!