ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

سۇداننىڭ پارچىلىنىشى مۇتلەق كۆپ سانلىقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى

2011-يىلى02-ئاينىڭ01-كۈنىمەنبە:news.okyan.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
سۇداننىڭ جەنۇبىدىكى بېلەت تاشلاش كومىتىتىنىڭ تور بېتى 30-يانۋار ئېلان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، %98.83 بېلەت تاشلىغۇچى جەنۇبنىڭ سۇداندىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولىشىنى قوللىغان. سۇداننىڭ جەنۇبىدىكى بېلەت تاشلاش كومىتىتىنىڭ تور بېتى 30-يانۋار بېلەت تاشلا
  


سۇداننىڭ جەنۇبىدىكى بېلەت تاشلاش كومىتىتىنىڭ تور بېتى 30-يانۋار ئېلان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، %98.83 بېلەت تاشلىغۇچى جەنۇبنىڭ سۇداندىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولىشىنى قوللىغان.
سۇداننىڭ جەنۇبىدىكى بېلەت تاشلاش كومىتىتىنىڭ تور بېتى 30-يانۋار بېلەت تاشلاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان. جەنۇب ۋە شىمالىي رايوندىكى 3 مىليون 852 مىڭ بېلەت سىتاتىستىكىلىنىپ بولغان، ئىناۋەتلىك بېلەت 3 مىليون 837 مىڭ 400 پارچىغا يەتكەن، 3 مىليون 792 مىڭ 500 پارچە بېلەت ئايرىلىشنى قوللىغان، 45 مىڭغا يېقىن بېلەت بىرلىككە كېلىشنى قوللىغان.
بېلەت تاشلاش كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جەنۇبىي رايوندا تىزىمغا ئېلىنغان %99.57 بېلەت تاشلىغۇچى ئامما « ئايرىلىش بېلىتى » تاشلىغان. جەنۇبىي قىسىمنىڭ قوللاش نىسبىتى %99 بولغان، پەقەت 16 مىڭ 129 ئادەم سۇداننىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ قېلىشىنى قوللىغان.
بېلەت تاشلاش كومىتىتىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد خېلىل ئىبراھىم شىمالدا ئولتۇراقلاشقان %58 ئامما ۋە %99 چەتئەللەردە ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي سۇدانلىق جەنۇبىي سۇداننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىغانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!