ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى كۆپ قىسىم شەھەرلەر قارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

2010-يىلى11-ئاينىڭ30-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
   يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ، ئىچكى مۇڭغۇلنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا  قاتتىق قار يېغىپ ، قارنىڭ قېلىنلىقى 30 سانتىمېتىرغا يەتكەن بولۇپ ، 52 مىڭ 800 ئادەم ، 2 مىليون 14 مىڭ چارۋا ئاپەتكە ئۇچرىغان . بۇ قېتىمقى قار ئالدىنقى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا بالدۇر يېغىپ
  

   يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ، ئىچكى مۇڭغۇلنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا  قاتتىق قار يېغىپ ، قارنىڭ قېلىنلىقى 30 سانتىمېتىرغا يەتكەن بولۇپ ، 52 مىڭ 800 ئادەم ، 2 مىليون 14 مىڭ چارۋا ئاپەتكە ئۇچرىغان . بۇ قېتىمقى قار ئالدىنقى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا بالدۇر يېغىپ ، تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەچكە ، ئاپەت رايونىدا تەييارلانغان يەم–خەشەك زاپىسى يېتەرلىك بولمىغان . نۆۋەتتە ، ئاپەت رايونلىرىدا ھاۋا ياخشى بولۇپ ، شۇ يەرلىك ھۆكۈمەت پايدىلىق ھاۋا شارائىتىدىن پايدىلىنىپ ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ ، ئۆز–ئۆزىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئاكتىپ قانات يايدۇرماقتا .

شەھەر ئاممىسى قېلىن كىيىنىشىپ ، ئاممىۋى ئاپتوبۇستا كېتىۋاتماقتا

   27–نويابىر ، ‹‹ مۇز شەھىرى›› دەپ ئاتالغان خاربىن شەھىرىدە قار يېغىپ ، تېمېپراتۇرا ℃ 16– قا چۈشۈپ قالغان . شۇ يەرلىك مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا ، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە ، خاربىن شەھىرىدە تېمېپراتۇرا داۋاملىق تۆۋەنلەيدىكەن .  

مۇدەنجياڭ شەھىرىدىكى ئامما قارلىق يولدا كېتىۋاتماقتا

   27–نويابىر ، سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن ، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاربىن شەھىرى ، يىچۈن شەھىرىنىڭ جەنۇبىي ، مۇدەنجياڭ شەھىرى قاتارلىق كۆپ قىسىم جايلاردا قار ياغقان ، قىسمەن رايونلاردا قېلىن قار يېغىپ ، تېمېپراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن .

جىلىن شەھىرىدىكى ئامما قاردا كېتىۋاتماقتا

   27–نويابىر ، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ چاڭجۈن ، يەنبيەن ، بەيشەن ، سىپىڭ، لياۋيۈەن ، سۇڭيۈەن قاتارلىق جايلاردا ئومۇميۈزلۈك ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار يېغىپ ، تېمپېراتۇرا ℃7 ~ ℃9 ئەتىراپىدا تۆۋەنلىگەن . جىلىن ئۆلكىلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 27–نويابىر سەھەردە سوغۇق ئېقىمدىن مۇداپىئە كۆرۈش كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنبالى تارقاتقان . قارنىڭ تەسىرىدە ، بۇ ئۆلكىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتنىشى ھەمدە ھاۋا قاتنىشى بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچرىغان .

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!