شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 30-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، « جۇڭگونىڭ ئاشلىق ئامبىرى » دېگەن نامى بار خېنەن ئۆلكىسىدىكى ھەر قايسى جايلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە قۇرغاقچىلىق كۆرۈلگەن، كۆلىمى 30 مىليون موغا يېقىنلاشقان، پۈتۈن ئۆلكىدىكى 19 ھاۋارايى ئۆلچەش پونكىتىدىكى ئۇدا يامغۇرسىز كۈنلەر سانى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكوتنى بۇزغان. ھاۋا رايى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، كەلگۈسىدە خېنەننىڭ يامغۇر مىقدارى داۋاملىق ئازلاپ، قۇرغاقچىلىق كۆلىمى يەنىمۇ كېڭىيىدىكەن.
تونۇشتۇرۇشقا قارىغاندا، بۇغداي تېرىلغاندىن بۇيان، پۈتۈن خېنەن ئۆلكىسى بويىچە ئۇدا قۇرغاقچىلىق بولۇپ يامغۇر ئاز ياققان. 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، مەزكۇر ئۆلكىدىكى ھەر قايسى جايلارنىڭ يامغۇر مىقدارى 0~49.9 مىللىمېتىرغىچە بولۇپ، ئوتتۇرىچە يېغىن مىقدارى 12.2 مىللىمېتىر بولغان، ئادەتتىكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا %86 ئازلىغان، 1961-يىلدىن بۇيان ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئەڭ ئاز ياققان. پۈتۈن ئۆلكىدىكى 19 تەكشۈرۈش پونكىتىدا ئۇدا يامغۇرسىز كۈنلەر سانى 56~93 كۈنگىچە بولۇپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى رېكوتنى بۇزغان.
خېنەن ئۆلكىسىنىڭ بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى پۈتۈن جۇڭگونىڭ تۆتتىن بىرى ئىگەللەيدىغان بولۇپ، شۇڭا ئۆلكىدىكى قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىغا تەسىر قىلىدۇ