خۇ جىنتاۋ ، ۋۇ باڭگو ، جيا چىڭلىن ، لى چاڭچۈن ، شى جىنپىڭ ، لى كېچياڭ ، خى گوچياڭ ، جۇ يۇڭكاڭ قاتارلىق رەھبەرلەر كېچىلىكنى كۆردى

30–دېكابىر ، يېڭى يىللىق جىڭجۈي تىياتىرى كېچىلىكى بېيجىڭدىكى دۆلەتلىك چوڭ تىياتىرخانىدا ئۆتكۈزۈلدى . ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، خۇ جىنتاۋ ، ۋۇ باڭگو ، جيا چىڭلىن ، لى چاڭچۈن ، شى جىنپىڭ ، لى كېچياڭ ، خى گوچياڭ ، جۇ يۇڭكاڭ قاتارلىق رەھبەرلەر سەھنىگە چىقىپ ، كېچىلىكنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى
شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ ، 30–دېكابىر تېلېگراممىسى : 2011–يىللىق يېڭى يىللىق جىڭجۈي تىياتىرى كېچىلىكى 30–دېكابىر كەچ دۆلەتلىك چوڭ تىياتىرخانىدا ئۆتكۈزۈلدى . پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن خۇ جىنتاۋ ، ۋۇ باڭگو ، جيا چىڭلىن ، لى چاڭچۈن ، شى جىنپىڭ ، لى كېچياڭ ، خى گوچياڭ ، جۇ يۇڭكاڭلار پايتەختتىكى مىڭغا يېقىن ئامما بىلەن بىرلىكتە كېچىلىكنى كۆرۈپ ، يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى يېڭى يىلنى خۇشال كۈتۈۋالدى.
سائەت 19:45 ئەتراپىدا ، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى كېچىلىك نەق مەيدانىغا يېتىپ كەلگەندە ، پۈتۈن مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى كۆتۈرۈلدى .
تىياتىرخانا ئادەمگە لىق تولغان بولۇپ ، كۈلكە–چاقچاق سادالىرى ئىچىدە ، قويۇق بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى .
‹‹توشقان يىلىدىكى باھارنى كۈتۈۋېلىش›› ناملىق جىڭجۈي تىياتىرى بىلەن باشلانغان كېچىلىكتە ، ياشانغان ، ئوتتۇرا ياش، ياش ، ئۆسمۈرلەردىن ئىبارەت تۆت ئەۋلاد ئارتىسلار بىرلىكتە ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنداپ ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتنىڭ رەھبەرلىكىدە ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىدىغان تەۋرەنمەس ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.
ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى سەھنىگە چىقىپ ، ئارتىسلار بىلەن قىزغىن قول ئېلىشتى ۋە كېچىلىكنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
ۋاڭ گاڭ ، ۋاڭ لېچۈەن ، ۋاڭ جاۋگو ، ليۇ چى ، ليۇ يۈنشەن ، جاڭ دېجياڭ ، خې يۇڭ ، لىڭ جىخۇا ، لى جيەنگو ، ئىسمائىل تىلىۋالدى ، ما كەي ، چېن كۇەييۈەن ، لى جاۋجو ، جاڭ رۇڭمىڭ ، سۇن جياجىڭ ، جىڭ ۋەنتۇڭ ، نى جىفۇ، ياڭ رۇدەي قاتارلىقلارمۇ كېچىلىكنى كۆردى.