ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

مەركەزنىڭ يېزا خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2010-يىلى12-ئاينىڭ24-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
    يىغىن مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش      شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 22 – دېكابىر تېلېگراممىسى. مەركەزنىڭ يېزا خىزمىتى يىغىنى 21 – دېكابىردىن 22 – دېكابىرغىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا 2010 – يىللىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتى سىستېمىلىق خۇلاسىلەندى، ‹‹12
  

   

يىغىن مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 22 – دېكابىر تېلېگراممىسى. مەركەزنىڭ يېزا خىزمىتى يىغىنى 21 – دېكابىردىن 22 – دېكابىرغىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا 2010 – يىللىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتى سىستېمىلىق خۇلاسىلەندى، ‹‹12 – بەش يىل››دىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتى ئىلمىي پىلانلاندى، سۇچىلىق ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى تېزلىتىش مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىندى، 2011 – يىللىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

    پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بۇ يىغىنغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. يىغىن ھۆججىتى يىغىندىن بۇرۇن مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنى، گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ۋە مەركەز يېزا خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىدا مەخسۇس مۇزاكىرە قىلىنىپ، كېلەر يىللىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپ قويۇلدى.

    يىغىندا ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ سۇچىلىق ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى قارارى(مۇزاكىرە نۇسخىسى)›› مۇزاكىرە قىلىندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇي لياڭيۈ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

    يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: 2011 – يىلى ‹‹12 – بەش يىل››نىڭ تۇنجى يىلى بولغاچقا، يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 2011 – يىللىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى مۇنداق: سۇچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاساسنى مۇستەھكەملەش، ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇپ، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش، كىرىمنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، بىر تۇتاش پىلانلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھاياتىي كۈچنى ئاشۇرۇش. مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ‹‹12 – بەش يىل››دىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىدا ئىشنى ياخشى باشلاش.

    يىغىندا كېلەر يىللىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى تۆۋەندىكىدەك ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

    1 . يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە سېلىنىدىغان مەبلەغنى داۋاملىق زور نىسبەتتە ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنى بېيىتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش.2 . يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى قىلچە بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش. 3. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروتى ۋە بازارنى تەڭشەش خىزمىتىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ مۇۋاپىق سەۋىيە ھالىتىنى تىرىشىپ ساقلاپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروت يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئوبوروت تەننەرخى تۆۋەن، توشۇش ئۈنۈمى يۇقىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش تورىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش. 4 .يېزا ئىگىلىكىنى تېخنىكا بىلەن قوراللاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملەش. 5 .يېزىلارنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، دېھقانلار بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرىدىغان گۈزەل يۇرت قۇرۇش. 6 .يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش.

يىغىن مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش

( مۇھەررىر : بۇئايشەم )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!