سۇ–تۇپراقنى ساقلاش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى ( 8) لايىھەسى ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قانۇنى لايىھەسى قاراپ چىقىلدى
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ4–يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى قاتارلىق تەكلىپ لايىھەلەر قاراپ چىقىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 20 – دېكابىر تېلېگراممىسى. 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18 – يىغىنى 20 – دېكابىر بېيجىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا 1 – قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىندا سۇ – تۇپراقنى ساقلاش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى(8) لايىھەسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قانۇنى لايىھەسى قاتارلىقلار داۋاملىق قاراپ چىقىلدى.

كومىتېت باشلىقى ۋۇ باڭگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى 158 كىشى يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇڭ خۇنىڭ سۇ – تۇپراقنى ساقلاش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. دائىمىي كومىتېتنىڭ 16 – يىغىنىدا دەسلەپكى قېتىم قاراپ چىقىلىپ، بۇ قېتىم دائىمىي كومىتېتنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلغان بۇ لايىھەنىڭ 2 – قېتىم قاراپ چىقىش نۇسخىسىدا سۇ – تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتى فاڭجېنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، سۇ – تۇپراقنى ساقلاش پىلانى تۈزۈشتە مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئاممىدىن پىكىر ئېلىش توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلدى، ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن سۇ – تۇپراق ئېقىپ كېتىش توغرىسىدىكى قانۇنىي جاۋابكارلىق قاتارلىقلار بەلگىلەندى.
يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شىشىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى(8) لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. دائىمىي كومىتېتنىڭ 16 – يىغىنىدا دەسلەپكى قېتىم قاراپ چىقىلىپ، بۇ قېتىم دائىمىي كومىتېتنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلغان بۇ لايىھەنىڭ 2 – قېتىم قاراپ چىقىش نۇسخىسىدا 75 ياشقا توشقانلارغا ئۆلۈم جازاسى تەتبىقلىماسلىق توغرىسىدىكى چەكلىمە شەرت قوشۇلدى، جىنايى قىلمىشى ئېغىر، ئۆلۈم جازاسى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان قىسمەن جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسىنى يېنىكلىتىشكە چەكلىمە قويۇش، كېپىلگە قويۇپ بەرمەسلىك توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلدى، قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتلارنى تەشكىللىگۈچىلەر، رەھبەرلىرىگە بېرىلىدىغان جىنايى جازا بەلگىلەندى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش جىنايىتىدىكى جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلدى.
يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چۇڭئەننىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قانۇنى لايىھەسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. دائىمىي كومىتېتنىڭ 16 – يىغىنىدا دەسلەپكى قېتىم قاراپ چىقىلىپ، بۇ قېتىم دائىمىي كومىتېتنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلغان بۇ لايىھەنىڭ 2 – قېتىم قاراپ چىقىش نۇسخىسىدا قوغدىلىدىغان ھەم ۋارىسلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدىغان، تارقىتىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ دائىرىسى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى، چەت، نامرات رايونلاردىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىگە يۆلەك بولۇشى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە كۆپەيتىلدى، چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ دۆلەت ئىچىدە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەكشۈرۈشتە تەستىقلاشقا يوللاش تەرتىپى قېلىپلاشتۇرۇلدى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرلىرى ۋارىسلىرىنىڭ چېكىنىپ چىقىش مېخانىزمى قاتارلىقلار بەلگىلەندى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بۇ يىل 10 – ئايدا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇا جيەنمىن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئېنېرگىيە تېجەش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىگە بولغان تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە ئېنېرگىيە تېجەر تۇرمۇش ئۇسۇلىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىش كېرەك؛ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئېنېرگىيە تېجەشتىكى يېتەكچىلىك، تايانچلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ بىناكارلىقتا ئېنېرگىيە تېجەش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، بىناكارلىقتا ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۈستۈرۈش كېرەك؛ يانداش قانۇن – نىزام، سىياسەت ۋە ئۆلچەملەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە تېجەشتىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىش كېرەك.
يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى قاراپ چىقىلدى.