
18–دېكابىر ، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ ئىسلامئابادتا پاكىستان زۇڭتۇڭى زەردارى بىلەن كۆرۈشتى
شىنخۇا تورى ، ئىسلامئاباد ، 18–دېكابىر تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ 18–دېكابىر ئىسلامئابادتا پاكىستان زۇڭتۇڭى زەردارى بىلەن كۆرۈشتى .
ۋېن جياباۋ زەردارىغا رەئىس خۇ جىنتاۋنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى . ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: بەش يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم پاكىستاندىن ئىبارەت بۇ گۈزەل زېمىنغا قەدەم بېسىپ ، پاكىستان خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان قېرىنداشلارچە چوڭقۇر دوستلۇقىنى ھېس قىلدىم . جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ تاغ–دەريالىرى تۇتاش (چېگرىداش) ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ قەلبىمۇ تۇتاش ، جۇڭگو–پاكىستان دوستلۇقىغا ئىككى دۆلەتنىڭ پىشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرىنىڭ يۈرەك قېنى سىڭگەن ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقى خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن ، ئۇ مۇستەھكەم ئۇل ۋە كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇپ ، بىزنىڭ ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىزگە ، كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشىمىزغا ئەرزىيدۇ . بۇ يىل پاكىستان ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچراپ ، زور زىيان كېلىپ چىقتى ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى قىيىنچىلىقتا بىرگە بولۇپ ، پاكىستان خەلقىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ ، يۇرت–ماكانىنى قايتا قۇرۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.
ۋېن جياباۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە ، خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتى مۇرەككەپ ، چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ ، جۇڭگو–پاكىستان مۇناسىۋىتىمۇ يېڭى پۇرسەت ۋە خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. جۇڭگو پاكىستان بىلەن بولغان ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى داۋاملىق ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇش ۋە سۆھبەتلىشىش ئەنئەنىسىنى ساقلاپ ، ھەرقايسى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىنى كۈچەيتىپ ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئورتاق مەنپەئەتنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.
زەردارى (Asif Ali Zardari) مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پاكىستان بىلەن جۇڭگو ھەقىقىي ياخشى ھەمراھ ، يېقىن قېرىنداشلاردىندۇر ، ئىككى دۆلەت كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ ، بىر قاتار رايون ۋە خەلقئارالىق مۇھىم ئىشلاردا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان مەيداننى ساقلاپ كەلدى . ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئاستىدا، پاكىستان–جۇڭگو دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت ئىناقلىقىغا تۈرتكە بولدى ، ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچلىقى ، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنىمۇ ئىلگىرى سۈردى . ۋېن جياباۋ زۇڭلىنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور ، نەتىجىسى مول بولۇپ ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىشىگە چوقۇم تۈرتكە بولىدۇ.
ئۇچرىشىشتىن كېيىن ، زەردارى كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ ، ۋېن جياباۋ ۋە جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنى كۈتۈۋالدى.