
ئىگىلىنىشىچە ، ۋەقە يۈز بەرگەن كاندا ئاۋۋال ئىككى قېتىم گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ ، تۇنجى قېتىم 19–دېكابىر سائەت 15:50 دە كان ئاستىدىكى 170 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى جايدا گۈمۈرۈلۈش يۈز بەرگەن ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن كان ۋاقتىدا رېمونت قىلغان ؛ 21–دېكابىر سەھەر سائەت3:30 دىن 8:30 گىچە بولغان ئارىلىقتا ئىككىنچى قېتىم گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە ، كاننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى داڭ يۇڭجىن ئادەم تەشكللەپ قايتىدىن رېمونت قىلىش خىزمىتىنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ، سائەت 17:37 دە كاندا ئۈچىنچى قېتىم گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، نەق مەيداندا بەش ئادەم قازا قىلغان ، بىر ئادەم دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغاندىن كېيىن ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان . ۋەقەدىن كېيىن ، مىچۈەن–كۆكتاغ رايونلۇق كۆمۈر كان بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش تارماقلىرى ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان .
ئىگىلىنىشىچە ، كاننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىق داڭ يۇڭجىنمۇ ۋەقەدە قازا قىلغان .
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە ، سەنيۈەن كۆمۈر كېنى 1992–يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ، يىللىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 90 مىڭ توننىغا يېتىدىكەن .

ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدان

قۇتقۇزۇش خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى

ۋەقەدىن كېيىن كاندا جىددىي يىغىن چاقىرىلدى