ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

خۇنەننىڭ نىڭشياڭ ناھىيەسىدە پوجاڭزا توشۇۋاتقان ئاپتوموبىل پارتلاپ 12 ئادەم قازا قىلدى

2010-يىلى12-ئاينىڭ20-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
        شىنخۇا تورى چاڭشا 19–دېكابىر تېلېگراممىسى : خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ نىڭشياڭ ناھىيەسىدىكى پوجاڭزا خام ماتېرىياللىرىنى توشۇش ئاپتوموبىلى پارتلاش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 19–دېكابىر كەچ سائەت 10 لار ئەتراپىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، پارتلاش ۋەقە
  

  

     شىنخۇا تورى چاڭشا 19–دېكابىر تېلېگراممىسى : خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ نىڭشياڭ ناھىيەسىدىكى پوجاڭزا خام ماتېرىياللىرىنى توشۇش ئاپتوموبىلى پارتلاش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 19–دېكابىر كەچ سائەت 10 لار ئەتراپىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، پارتلاش ۋەقەسىدە 12 ئادەم قازا قىلىپ ، 9 ئادەم يارىلانغان ، ئىككى ئادەم يوقاپ كەتكەن .

    17 ــ دېكابىر كەچ ، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ نىڭشياڭ ناھىيەسى خېڭشى بازىرى تيېچۇڭ كەنتىدە بىر پوجاڭزا پىلىكى بېسىلغان ئاپتوموبىل پارتلاپ كەتكەن . ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ 19 ــ دېكابىر كەچ سائەت 10 دا ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا ، جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى بۇ ۋەقەدە 12 ئادەمنىڭ قازا قىلىپ ، 9 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ، ئىككى ئادەمنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى دەلىللىگەن .

    ئىگىلىنىشىچە ، خۇنەن ئۆلكىسىدىكى بىخەتەرلىك نازارەت قىلىش تارماقلىرى مۇتەخەسىسلەرنى تەشكىللەپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە بىلگۈچىلەردىن ئەھۋال ئىگىلەش ، ۋەقەگە نىسبەتەن تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش ھەمدە ۋەقە سادىر قىلغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ .

( مۇھەررىر : نىجات )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!