ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئىران زۇڭتۇڭى كىلەر ئايلىق يادرو سۆھبىتىدە نەتىجىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن

2010-يىلى12-ئاينىڭ24-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
          شىنخۇا تورى ئىستامبۇل 23–دېكابىر تېلېگراممىسى : ئىران زۇڭتۇڭى ئەھمەدى نىجاد 23–دېكابىر تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ئىستامبۇلدا سۆز قىلغاندا ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىران بىلەن توقۇنۇش سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشىنى ، كېيىنكى ئايدا تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ي
  

   

     شىنخۇا تورى ئىستامبۇل 23–دېكابىر تېلېگراممىسى : ئىران زۇڭتۇڭى ئەھمەدى نىجاد 23–دېكابىر تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ئىستامبۇلدا سۆز قىلغاندا ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىران بىلەن توقۇنۇش سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشىنى ، كېيىنكى ئايدا تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يادرو سۆھبىتىنىڭ تالاش–تارتىشنى ھەل قىلىدىغان تارىخىي پۇرسەت بولۇپ قېلىشىنى ھەمدە سۆھبەتنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

    ئەھمەدى نىجاد ئىستامبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 11–قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى : بىز ئىستامبۇلدىكى سۆھبەتنىڭ ياخشى بىر پۇرسەت بولۇشىنى ھەمدە بۇنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك نەتىجە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز . بۇ ناھايىتى مۇھىم يىغىن بولۇپ ، يىغىننىڭ ھەممە تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇنلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

    ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى ، ئىراننىڭ يادرو نىشانى ئۆزگەرمەيدۇ ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزگەن جازاسىنىڭ ئۈنۈمى يوق .

    ب د ت غا دائىمىي ئەزا بەش دۆلەت ۋە گىرمانىيەنىڭ ئىران بىلەن بولغان يادرو مەسىلىسىگە ئائىت كېيىنكى قېتىملىق سۆھبىتى كېلەر يىلى يانۋارنىڭ ئاخىرىدا ئىستامبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن .

( مۇھەررىر : نىجات )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!