ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى
جاڭ چۈنشيەن يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى نۇر بەكرى سۆز قىلدى

چېڭ لىشىن، لى شىڭ، ۋاڭ شىنخۇڭ خەۋىرى : ئىككى كۈن داۋاملاشقان ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 10 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى 26 – دېكابىر چۈشتىن كېيىن يېپىلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى بۇ يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە دەپ بىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتىنى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، شۇنداقلا ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 9 – ، 10 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھى ئاساسىدا يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆستۈرۈپ ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تەلىپىنى ھالقىما تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مۇقىملىقنى ساقلاشقا ئالاقىدار چوڭ تەدبىرلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە يېقىنقى مەزگىللىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىن، ئاپتونوم رايون 11 – بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈپ ئورۇنداپ، ‹‹12 – بەش يىل››دىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئائىت خىزمەتلەرنى باشلاش ئالدىدا ئېچىلغان مۇھىم يىغىن، شۇنداقلا مەركەزنىڭ ئىككى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 9 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا بەلگىلەنگەن ئالاقىدار سىياسەت، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرگەن يىغىن بولدى. جايلار، تارماقلار بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتىغا دائىر تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا ۋە جايلار، تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىپ، جايلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەسەۋۋۇرى، چارىسى ۋە كونكرېت تەدبىرلىرىنى تېزدىن تۈزۈپ، كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ‹‹12 – بەش يىل››نىڭ باشلىنىش قەدىمىنى ياخشى بېسىشى كېرەك.
جاڭ چۈنشيەن نۆۋەتتىكى خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار، ئورۇنلار 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلان خىزمىتىنى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى، قوشۇمچە يېمەكلىكلەر تەمىناتى خىزمىتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش، مەدەنىيەت، پەن – تېخنىكا، سەھىيەنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش پائالىيىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى تەشكىللەش، چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئالدىن ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇپ، ‹‹ئىككى بايرام››، ‹‹ئىككى يىغىن›› مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ئومۇمىيلىقىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
جاڭ چۈنشيەن يەنە ئۈچ دەرىجىلىك پارتكومنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 2011 – يىل ‹‹12 – بەش يىل››نىڭ باشلىنىش يىلى، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور. بەلگىلەنگەن تۈرلۈك نىشانغا يىتىشتە، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 9 – ، 10 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلمىي ھالقىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىن ئويلىشىش، ‹‹ئىككىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل راۋاجلاندۇرۇش›› ۋە ئىجتىمائىي، سىياسىي ئومۇمىيلىقنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتىن ئىبارەت بەش پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.
نۇر بەكرى يەنە يېقىنقى خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.

ئەركىن ئىمىرباقى، ئەسقەت كەرىمباي، چې جۈن، خەن يۇڭ، فۇ چياڭ، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، ئەركىنجان تۇراخۇن، خۇ ۋېي قاتارلىقلار يېپىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.