
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مامۇت بارات خەۋىرى ، فوتوسى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىدە ئىجرا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت كادىر–ساقچىلىرىنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش كۇرسى يېقىندا ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى . يەتتە كۈنلۈك بۇ كۇرسقا 100گە يېقىن كادىر–ساقچى قاتنىشىپ ، ئىجرا خىزمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە خىزمەت ۋەزىپىلىرى ، سوت خىزمىتىدە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش ، ئىجرا خىزمىتىدە قەرزدارنىڭ مال–مۈلكىنى ئېنىقلاش ۋە كونتىرول قىلىش ، دېلودىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلاردا ئەمەلىي دېلو مىساللىرى ئارقىلىق دەرس ئۆتۈلدى ، شۇنداقلا يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم قانۇنلار ئۈستىدە لېكسىيە سۆزلەندى. كۇرس جەريانىدا، كۇرسانتلار ئۆزلىرى يولۇققان چىگىش دېلولار ۋە يولۇققان يېڭى مەسىلىلەر ئۈسىدە ئورتاق پىكىر ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى . بۇ قېتىمقى كۇرس بۇندىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەردەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئىجرا خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ، ئىجرا خادىملىرىنىڭ كەسپىي ساپاسى ۋە دېلو بېجىرىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

كۇرسانتلار دەرس ئاڭلىماقتا

كۇرسانتلار دەرس ئارىلىقىدا ئۆزلىرى يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرماقتا

كۇرسانتلار كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە