ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش
پاتىمە ئەيسا خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 9 – ئۆكتەبىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 5109 ‹‹قوش تىل››لىق ئوقۇتقۇچىنى ئاشكارا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى›› يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇتقۇچى سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل.
ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەھەر، بازار مەكتەپلىرىگە ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن يېزا مەكتەپلىرىگە ئەۋەتىلىدىكەن. تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى 2010 – يىلى 9 – ئۆكتەبىردىن 15 – ئۆكتەبىرگىچە ئىكەن. تىزىمغا ئالدۇرغۇچىلار تەپسىلىي ئەھۋالنى شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورىدىن كۆرۈۋالسا بولىدىكەن.
بۇ قېتىم قوبۇل قىلىنىدىغانلار تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس تارىخىغا ئىگە شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار، نوپۇسى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بولغان، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس كەسىپلىرىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئىكەن.
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، بۇ قېتىم ‹‹ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلار››نى قوبۇل قىلىشتا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە، شەرتلەرگە ئەمەل قىلىنغاندىن سىرت، چەت، جاپالىق ناھىيە (شەھەر)لەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇش تارىخىغا بولغان تەلەپ مۇۋاپىق قويۇۋېتىلىدىكەن.