
ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا ، 2005–يىلىدىن 2009–يىلىغىچە ، ئامېرىكا ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ قورال–ياراغ ۋە ئوق–دورا سودىسىدىكى يېتەكچى كۈچكە ئايلانغان بولۇپ ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %54 كە يەتكەن ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىسرائىلىيەنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ ئەرەب دۆلەتلىرىگە ئوڭۇشلۇق سېتىلماي قالغان ئىلغار قورال–ياراغ سىستېمىسىمۇ بار .
شىۋېتسىيەنىڭ ستوكھولىم شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ قورال–ياراغ ۋە ئوق–دورا سودىسىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل ئورگىنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىر مەزگىل ئادەتتىكى قورال سودىسىدىكى ئەڭ چوڭ بازار بولۇپ قالدى . دوكلاتتا دېيىلىشىچە ، ئامېرىكىنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرى كارخانىلىرى بۇ دۆلەتنىڭ %60 قورال–ياراغ توختامىنى قولغا كىرگۈزگەن.
ئوتتۇرا شەرق ۋە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرى ئانالىزچىسى دۇن دالىن: ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى ئىلغار قورال–ياراغ بىلەن تەمىنلىگۈچى بولۇشتەك ئورنىنى ئاللىقاچان مۇستەھكەملەپ بولدى ، دېدى .
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكىنىڭ بۇ دۆلەتلەرگە قورال–ياراغ سېتىپ بېرىشى ئاساسلىقى سېتىۋالغۇچى (قوبۇللىغۇچى) دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ ، قولتۇقتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ھەمدە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يەرلىكتىكى قوراللىق كۈچلەر بىلەن كۆرۈنىدىغان ھەمكارلىق ئورنىتىشىغا ئۇل سېلىش ئۈچۈندۇر.
ئامېرىكا يەنە كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدە ، بۇ رايوندىكى كۈچلۈك دۆلەت سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قىممىتى 67 مىليارد دوللارغا يېتىدىغان ئىلغار قورال–ياراغلارنى سېتىپ بېرىشنى پىلانلىغان . بۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي ئىشلار سودىسى، شۇنداقلا بۇ دۆلەتنىڭ 123 مىليارد دوللارلىق قورال–ياراغ سېتىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالىدىكەن.
ئىستاتىستىكىدىن قارىغاندا، ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى بىلەن قورال–ياراغ ۋە ئوق–دورا سودىسى بار دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى تۆتى ئامېرىكا ، فىرانسىيە ، رۇسىيە ۋە ئەنگىلىيەلەر ئىكەن.
ئىسرائىلىيە 2010–يىلى ئامېرىكىنىڭ 2 مىليارد 780 مىليون دوللارلىق ھەربىي ياردىمىگە ئېرىشكەن بولۇپ ، بۇ رايوندىكى 2 –چوڭ ھەربىي ئىشلار خېرىدارىغا ئايلانغان .
دالىننىڭ قارىشىچە ، گەرچە ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ رايوندىكى ھەربىي تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى ساقلاپ قالالايدىغان– قالالمايدىغانلىقىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلسىمۇ ، بىراق يەنىلا قولتۇقتىكى دۆلەتلەرگە چوڭ تىپتىكى ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنى سېتىپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان .
ئىگىلىنىشىچە ، 2011–يىلى ، قولتۇقتىكى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتى خامچوتى بۇ يىلقىدىن %2.5 ئېشىپ كېتىدىكەن . ھالبۇكى كەلگۈسى بەش يىلدا ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ قورال–ياراغ ۋە ئوق–دورا بازىرى سودىسىنىڭ 11 پىرسەنت پوئىنت ئېشىپ، سودا سوممىسىنىڭ 2014–يىلىغا بارغاندا 120 مىليارد دوللارغا يېتىشى مۆلچەرلەنگەن.