ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

مىسىردىكى پارتىلاش ۋەقەسى پاراكەندىچىلىك كەلتۈرۈپ چىقاردى

2011-يىلى01-ئاينىڭ03-كۈنىمەنبە:www.news.okyan.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
1-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەردە، مىسىرنىڭ شىمالىدىكى ئىسكەندەرىيە( Alexandria ) شەھىرىدە بىر چېركاۋنىڭ يېنىدا ماشىنا پارتىلاپ، 21 ئادەمنىڭ ئۆلىشى ۋە 43 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، كۇپىت خىرىستىئانلىرى بىلەن ساقچىلار قاتتىق
  


1-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەردە، مىسىرنىڭ شىمالىدىكى ئىسكەندەرىيە( Alexandria ) شەھىرىدە بىر چېركاۋنىڭ يېنىدا ماشىنا پارتىلاپ، 21 ئادەمنىڭ ئۆلىشى ۋە 43 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، كۇپىت خىرىستىئانلىرى بىلەن ساقچىلار قاتتىق تىركەشكەن، ساقچىلار پاراكەندىچىلىك چىقارغان ياشلارغا رېزىنكە ئوق ۋە ياش ئاققۇزۇش ئوقى ئاتقان.
پارتىلاش يۈز بەرگەن چېركاۋدىكى غەزەپلەنگەن خىرىستىئان مۇرىتلىرى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان ھەمدە يېقىندىكى مەسچىتكە بېسىپ كىرىپ مۇسۇلمانلارغا زەربە بەرگەن ھەمدە ئۆز ئارا تاش ئېتىشقان.

ئىران ئاخبارات تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، مىسىر پىرىزدېنتى مۇبارەك شۇ كۈنى چېركاۋغا قىلىنغان ماشىنا بومبا پارتىلاش ھۇجۇمى ۋەقەسىنىڭ ئارقىسىدىكى چەتئەل كۈچلىرىنى ئەيىبلىگەن. مۇبارەك 1-ئاينىڭ 1-كۈنى تېلىۋىزىيە نۇتىقى سۆزلەپ، پارتىلىتىش ۋەقەسىنى چەتئەل كۈچلىرى پىلانلىغان ھەمدە ئەمەلگە ئاشۇرغان دېگەن.
مەنبە: ئەل-جەزىرە تورى، ئامېرىكا ھەربىي ئىشلار تورى(نەپرەت)

مىسىردىكى چېركاۋ يېنىدا پارتىلاش يۈز بېرىپ 21 ئادەم ئۆلدى

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!