ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

نىڭشيانىڭ شىجى ناھىيەسىدە پەۋقۇلئاددە زور قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى

2011-يىلى01-ئاينىڭ30-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
      شىنخۇا تورى يىنچۈەن 29-يانۋار تېلېگراممىسى : 29–يانۋار سائەت 00 :14 ئەتىراپىدا ، نىڭشيانىڭ گۇيۈەن شەھىرى شىجى ناھىيەسىدە پەۋقۇلئاددە زور قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، توققۇز ئادەم نەق مەيداندا قازا قىلغان ، ئىككى ئادەم دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ جىددىي
  

 

    شىنخۇا تورى يىنچۈەن 29-يانۋار تېلېگراممىسى : 29–يانۋار سائەت 00 :14 ئەتىراپىدا ، نىڭشيانىڭ گۇيۈەن شەھىرى شىجى ناھىيەسىدە پەۋقۇلئاددە زور قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، توققۇز ئادەم نەق مەيداندا قازا قىلغان ، ئىككى ئادەم دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ جىددىي قۇتقۇزۇلغان بولسىمۇ ، بىراق قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان ، 22 ئادەم يارىلانغان .

    ئىگىلىنىشىچە ، بۇ نومۇر تاختىسى D06895 بولغان ئوتتۇرا تىپتىكى ئادەتتىكى يولۇچىلار ئارىبۇسىغا 33 ئادەم سىغىدىغان بولۇپ ، بۇ ئاپتوبۇس شىجى ناھىيەسىدىن خۇڭياۋ يېزىسىغا قاراپ يولغا چىققان . ئارىبۇس يولغا چىقىپ خۇڭياۋ يېزىسىغا 71 كېلومېتىر قالغاندا ، قار يېغىپ مۇز تۇتۇپ كەتكەن يولدا كونتروللىقىنى يوقىتىپ 10 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى جىلغىغا چۈشۈپ كەتكەن .

    شىجى ناھىيەلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ۋەقە مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ، ئەترەتتىكى 12 نەپەر قۇتقۇزغۇچى خادىم نەق مەيدانغا يىتىپ بېرىپ ، ئارىبۇسنىڭ سىرتقى قىسمىنى كېسىش ، پارچىلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئارىبۇس ئىچىگە قاپسىلىپ قالغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇپ چىققان .

    ۋەقە يۈز بېرىپ سائەت 20 گىچە ، نەق مەيداندا قازا قىلغان توققۇز كىشىنىڭ جەسىتىنى ئائىلە ــ تاۋاباتلىرى ئېلىپ كەتكەن بولۇپ ، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىمۇ تەڭ قەدەمدە ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ .

    نۆۋەتتە ، ۋەقەنىڭ سەۋەبى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ .

 
( مۇھەررىر : نىجات )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر