ۋېن جياباۋ زۇڭلى خېنەندە ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ھۆكۈمەت خىزمىتى توغرىسىدا ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدى
ۋېن جياباۋ خېبى شەھىرىنىڭ چىبىڭ رايونىدىكى ئامما بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە
زۇڭلى ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 18 – يانۋار گوۋۇيۈەننىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلان تېزىسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىگە جايلار، تارماقلار ھەم جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ تەكلىپ – پىكرىنى ئېلىش قارار قىلىندى. زۇڭلى ۋېن جياباۋ 21 – يانۋاردىن 22 – يانۋارغىچە خېنەن ئۆلكىسىنىڭ خېبى شەھىرى ۋە ئەنياڭ شەھىرىدىكى مەھەللە ۋە يېزىلارغا كېلىپ، ئۆيمۇئۆي كىرىپ، ئامما بىلەن سۆھبەتلىشىپ، يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردى.
ئاممىنى تېخىمۇ خاتىرجەم، راھەت تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش كېرەك
خېنەن ئۆلكىسنىڭ خېبى شەھىرى بايلىق تىپىدىكى سانائەت شەھىرى، ئۇزاق مۇددەت كۆمۈر قېزىش سەۋەبىدىن نۇرغۇن جاي ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن، ئىلگىرى كونا شەھەر رايونىدىكى نۇرغۇن كان ئىشچىسى كەپىلىك مەھەللىلەردە ئولتۇراتتى، شارائىتى جاپالىق ئىدى. 21 – يانۋار چۈشتىن كېيىن ۋېن جياباۋ ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا ئاپتوموبىل بىلەن كونا شەھەر رايونىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
يېقىنقى بىر قانچە يىلدا، دۆلەتنىڭ مالىيە جەھەتتىن مەدەت بېرىشى بىلەن خېبى شەھىرى كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، زور بىر تۈركۈم ئاھالىنى يېڭى ئۆيگە كۆچۈردى. شەنچېڭ رايونىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان شىنيۈەن مەھەللىسى ئەسلىدە خېبى كۆمۈرچىلىك گۇرۇھىدىكى كان ئىشچىلىرىنىڭ كەپىلىك مەھەللىسى ئىدى. ھازىر ئىلگىرىكى پاكار، يامغۇر ئۆتۈپ كېتىدىغان بىر قەۋەتلىك ئۆيلەرنىڭ ئورنىنى يېپيېڭى بىنالار ئىگىلىدى. سۇڭ خېليەن خېبى كۆمۈرچىلىك گۇرۇھىنىڭ ۋاگون ئىشچىسى بولۇپ، ئەسلىدە ئائىلىسىدىكى تۆت جان كىشى 50 كىۋادرات مېتىرلىق بىر قەۋەتلىك كونا ئۆيدە ئولتۇراتتى، ئۆيىدىن قىشتا بوران ئۇچۇپ تۇراتتى، يازدا يامغۇر ئۆتۈپ كېتەتتى. كەپىلىك مەھەللىلەر ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئۇ ئۈچ ئاي ئىلگىرى 90 نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. ۋېن جياباۋ سۇڭ خېليەننىڭ ئۆيىگە كەلدى، ئۇ خۇشال ھالدا زۇڭلىنى باشلاپ ئۈچ ياتاق ئۆيى، بىر مېھمانخانىسى بار ئۆيىنى بىرمۇ بىر كۆرسىتىپ چىقتى. ئۆي يېڭىدىن بېزەلگەن بولۇپ، ئازادە، يورۇق ئىدى. ئۆي توك پار بىلەن ئىسسىتىلغاچقا ئىسسىق ئىدى. ۋېن جياباۋ كۆيۈنگەن ھالدا ئۆيگە قانچىلىك پۇل خەجلىگەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈۋېدى، سۇڭ خېليەن: 50 كىۋادرات مېتىرلىق كونا ئۆينى بىر تىيىن خەجلىمەي ئوخشاش كۆلەمدىكى يېڭى ئۆيگە ئالماشتۇردۇق، ئاشقان قىسمىغا قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈش تەننەرخى بويىچە پۇل تاپشۇردۇق، دېدى. ۋېن جياباۋ شۇ جاينىڭ مەسئۇلىغا: كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش ئەل رايى قۇرۇلۇشى، داۋاملىق چىڭ تۇتۇش كېرەك، كەپىلىك مەھەللىلەردىكى تېخىمۇ كۆپ ئاھالىنى بالدۇرراق يېڭى ئۆيگە كۆچۈرۈش كېرەك، دېدى.
ۋېن جياباۋ خېبى شەھىرىنىڭ چىبىڭ رايونىدىكى ئامما بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە
شىنيۈەن مەھەللىسىدىن ئايرىلغاندا، كۈن ئولتۇرۇپ قاش قارايغان ئىدى. ۋېن جياباۋ كەچتە ئاددىيلا غىزالانغاندىن كېيىن يەنە چىبىڭ رايونىدىكى لەنيۈەن مەھەللىسىگە كېلىپ ئاممىنى يوقلىدى ھەم مەھەللە كومىتېتىدىكىلەر ۋە ئاھالىلەر بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ ئىككى يېرىم سائەتتەك پاراڭلاشتى.
مال باھاسى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا تاقىلىدىغان ئىش بولغاچقا، زۇڭلى بۇ مەسىلىگە ئىنتايىن دىققەت قىلىۋاتاتتى. مال باھاسىنىڭ پارىڭى چىقىۋېدى، كۆپچىلىك ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي پىكىر بايان قىلدى، زۇڭلى تاللا بازىرى ئاچىدىغان ۋاڭ لېدىن ‹‹بۈگۈن خېبى شەھىرىدە تۇخۇمنىڭ باھاسى قانچە يۈەن؟››، دەپ سورىدى. ۋاڭ لې: ‹‹بىر جىڭى 4.46 يۈەن››، دېدى. ۋېن جياباۋ ‹‹ئانچە يۇقىرى ئەمەسكەن، مەملىكەت بويىچە بۈگۈنكى ئوتتۇرىچە باھا 4.84 يۈەن. يېقىندىن بۇيان جايلاردا بەرەڭگىنىڭ باھاسى سەل ئۆرە بولدى، جەنۇبتىكى بەزى جايلاردا ھەر كىلوگىرام بەرەڭگىنىڭ باھاسى ئۈچ يۈەندىن ئېشىپ كەتتى، كاللەك يېسسىۋېلەكنىڭ باھاسى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئانچە يۇقىرى ئەمەس...››، دېدى. زۇڭلىنىڭ تاۋار باھاسىنى بەش قولدەك بىلىشى نۇرغۇن كىشىنى ھاڭ – تاڭ قالدۇردى. ‹‹يېشىلزار›› گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى لى دۇڭشۈن گەپنىڭ تېمىسىنى يۆتكەپ: ‹‹يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى ئۆرە، بۇنىڭدىكى مۇھىم سەۋەب ۋاسىتىچىلىك ھالقىسىغا قوشۇلىدىغان باھانىڭ كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكىدە››، دېدى. ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: ‹‹يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوبوروت ھالقىسى ئەڭ ئاجىز، تەشكىللىك باشقۇرۇپ، دېھقانلار بىلەن تاللا بازارلىرىنى جىپسىلاشتۇرغاندىلا، ئوبوروت ھالقىسىنىڭ ئاجىز بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ. بۇ خىزمەتنى بۇ يىل زور كۈچ بىلەن ئىشلەيمىز››.
ۋېن جياباۋ يەنە چىبىڭ رايونى جيۇجۇ يولى ئىش باشقارمىسىنىڭ ئەمگەك كاپالىتى ئورنىدا ئىشلەيدىغان لى شياۋمىندىن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈردى. لى شياۋمىن زۇڭلىغا ئاممىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش ئۆلچىمى ۋە ئاتچوت قىلىنىش نىسبىتىنى دوكلات قىلدى. زۇڭلى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ‹‹شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەم يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىدى. بۇ يىل داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش ئۆلچىمى داۋاملىق ئۆستۈرۈلىدۇ، <12 – بەش يىل>نىڭ ئاخىرىدا 300 يۈەنگە يەتكۈزۈلۈپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىنىدۇ››. كۆپچىلىك بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىشتى.
ۋېن جياباۋ خېبى شەھىرىنىڭ چىبىڭ رايونىدىكى ئامما بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە
ۋېن جياباۋ كۆپچىلىكتىن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى يېتەرسىزلىكلەر توغرىسىدا كۆپرەك سۆزلەشنى، ھۆكۈمەت خىزمىتىگە بولغان تەلىپىنى كۆپرەك ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى. بەزىلەر: جامائەت ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش، ئالايلۇق، بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش ئاساسىدا، ئەقلىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئارىلاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق تەكلىپنى بەردى. بەزىلەر ئىلگىرى خىزمەتكە قاتناشقان ۋاقىتلىق ئىشچىلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرۇش مەسىلىسىنىڭ قىيىنلىقىنى، مۇناسىپ تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى ئويلىشىپ كۆرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.