ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

جەنۇب شىمال كورىيەلەر بىۋاستە سۆزلەشسە بولىدۇ

2011-يىلى01-ئاينىڭ15-كۈنىمەنبە:news.okyan.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
كورىيە بىرلەشمە ئاگنېتلىقى 14-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كورىيەدە زىيارەتتە بولىۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرى 14-يانۋار بىلدۈرىشىچە، گەرچە شىمالىي كورىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى قىلىش زۆرۈر بولسىمۇ، ئەمما كېلەركى باسق
  


كورىيە بىرلەشمە ئاگنېتلىقى 14-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كورىيەدە زىيارەتتە بولىۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرى 14-يانۋار بىلدۈرىشىچە، گەرچە شىمالىي كورىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى قىلىش زۆرۈر بولسىمۇ، ئەمما كېلەركى باسقۇچتا جەنۇب شىمال كورىيەلەر بىۋاستە سۆزلەشسە بولىدىكەن.
گايتىس 14-يانۋار چۈشتىن كېيىن جەنۇبىي كورىيە دېپلوماتىيە مىنىستېرلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، بايانات ئېلان قىلىپ:« مەن شىمالىي كورىيە بىلەن بولغان سۆزلىشىشنىڭ ئىجابىي بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن، پەقەت شىمالىي كورىيە سەمىمىيلىكىنى ئىپادىلىسە، ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولىدۇ » دېگەن.
ئۇ يەنە بۇنىڭ ئۈچۈن شىمالىي كورىيەنىڭ چوقۇم ئىغۋاگەرچىلىكىنى توختىتىشى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتكە ئېنىق ئۇچۇر بېرىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
گايتىس يەنە ئۆتكەن نەچچە ئايدا، شىمالىي كورىيە جەنۇبىي كورىيەگە 2 قېتىم كەڭ كۆلەمدە ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى. بۇ قېتىم جەنۇبىي كورىيەنى زىيارەت قىلىشىم باشقىلارغا جەنۇبىي كورىيە-ئامېرىكا ئىتتىپاقداش مۇناسىۋىتىنىڭ ئەھمىيىتىنى نامايەن قىلىش دېگەن.
مەنبە:كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى تورى(نەپرەت) 


BBC ۋە CNN تورىنىڭ13-يانىۋاردىكى خەۋىرىنىڭ MP3 ھۆججىتىنى چۈشۈرىۋېلىڭ

 

ئافغانىستاندىكى ناتو قوشۇنلىرى(چوڭ ھەجىملىك سۈرەتلەر توپلىمى)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!