جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى تېلىگىراممىسى روسىيەنىڭ ئېركۇتىسىك رايونىدا 1-ئاينىڭ 13-كۈنى بىر پويىز يەنە بىر ماي باكى ئاپتوموبىلى بىلەن سوقۇلۇپ كېتىپ 4 ئادەم ئۆلۈپ 2 ئادەم يارلانغان.
شۇ جاي ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، ھادىسە 1-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن بولۇپ، ھادىسە يۈز بەرگەن ئورۇن تولۇن رايونىدىكى بىر دىجورنىسىز تۆمۈر يولنىڭ تۈز كېسىشكەن ئورنىدا يۈز بەرگەن.بىر زور مىقداردىكى ماي قاچىلانغان ماي باكى ماشىنىسى بۇ ئورۇندا قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان پويىز بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن، 3 ئادەم نەق مەيداندا ئۆلگەن، يەنە بىر ئادەم دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىۋاتقاندا ئۆلگەن. بۇنىڭدىن سىرت يەنە 3 ئادەم يارلانغان