چەتئەل دېپلوماتىيە مىنىستېرلىرى ئىراننىڭ ئاراك(Arak ) شەھىرىگە جايلاشقان ئېغىر سۇ رېئاكتورىغا قارىتا ئىككى كۈنلۈك زىيارەتىنى باشلىغان.
بۇ ئەلچىلەر خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئورگىنى(IAEA)، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەركىتى(NAM) ۋە 77 دۆلەت گۇرۇھى، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان.
ئىران ھۆكۈمىتى خەلقئارا ھەمكارلىق روھىغا ئاساسەن، ئىراننىڭ يادرو پىلانىنىڭ « ئاشكارلىق دەرىجىسى » كۆرسىتىش ئۈچۈن، ۋەكىللەرنىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشىگە رۇخسەت قىلغان.
120 دىن كۆپ دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى 15-يانۋار ئىران پايتەختى تېھرانغا يېتىپ كەلگەن.
ئىران ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىمۇ تەكلىپ قىلغان، ئەمما ئۇلار تېھراننىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان.
ئىراننىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئورگىنىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئەلى ئەسغەر سولتانىھنىڭ دېيىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىران بىلەن يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ھەمكارلىشىش ۋە ئىراننىڭ تىنىچلىق مەقسىتىدىكى يادرو پائالىيىتىنى زىيارەت قىلىشتىكى « تارىخىي خاراكتېرلىك پۇرسەت » نى كەتكۈزۈپ قويغان.
سۇلتانىھنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، بۇ چەتئەل ۋەكىللىرىنىڭ ئىران يادرو ئەسلىھەسىنى بىرىنچى قېتىم زىيارەت قىلىشى ئەمەسكەن.
ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئىتتپاق تۈزمەسلىك ھەركىتى ۋە 77 دۆلەت گۇرۇھى ۋەكىللىرى 2007-يىلى ئىراننىڭ ئىسفاھاندىكى ئۇران قۇيۇلدۇرۇش ئەسلىھەسىنى زىيارەت قىلغان.