جۇڭگو دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ شۇ جاي ۋاقتى 18-يانۋار مەخسۇس ئايروپىلانى بىلەن ۋاشىڭتوندىكى ئاندرېۋس ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا يېتىپ كېلىپ، ئامېرىكىغا قارىتا 4 كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىغان. ھەربىي بازىدا ئامېرىكا مۇئاۋىن دۆلەت پىرىزدېنتى بىدېن ۋە ئايالى كۈتۈۋېلىشقا چىققان.
بۇ خۇ جىنتاۋنىڭ 2006-يىلى 4-ئايدىن كېيىن، ئامېرىكىدا قايتا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىشى ئىكەن. زىيارەت مەزگىلىدە جۇڭگو پۇلىنىڭ قىممىتى سۆھبىتىدە بۆسۈش ھاسىل بولىشى مۇمكىن.
خۇ جىنتاۋ 18-يانۋار كەچ ئامېرىكا پىرىزدېنتى ئوباما، دۆلەت كاتىبى ھىلارى كىلىنتون، پىرىزدېنتنىڭ بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى دولىنونلار بىلەن كەچلىك زىياپەتكە قاتناشقان.
ئىككى تەرەپ سودا، ئېنىرگىيە، مۇھىت، ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلىشى، پەن-تېخنىكا قاتارلىق كەڭ ساھالەردە بىر قاتار ھەمكارلىق ھۆججەتلىرى ئىمزالايدىكەن.
مەنبە: ئەل-جەزىرە تورى، سۇمرۇغ تورى(نەپرەت)