دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھارپىسىدا، 17-يانۋار ئامېرىكا «ۋول كوچىسى گېزىتى» بىلەن «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ بىرلەشمە يازما زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش، چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودىكى مەبلەغ سېلىش مۇھىتى، جۇڭگونىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى سىياسەت، تەدبىرلىرى، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىياتى ۋە سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، جۇڭگونىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى.
خۇ جىنتاۋ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ھەققىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا خەلقئارا ئىشلاردا مۇھىم تەسىرگە ئىگە، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. خۇ جىنتاۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى دۆلەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشى بىر-بىرىگە پايدىلىق، ئىختىلاپ قىلىشى بىر-بىرىگە زىيانلىق. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى، دۇنيانىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات ئومۇملىقىدىن چىقىش قىلىپ، توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، بىر-بىرىگە زىت ئىش قىلىشتىن ساقلىنىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بۇنىڭدا ئەڭ مۇھىمى شۇكى، بىرىنچىدىن، سۆزلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆز ئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ ئىككىنچىدىن، ئۆز ئارا گۇمان ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئىدىيەسىدىن ۋاز كېچىپ، بىر-بىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئوبيېكتىپ، ئاقىلانە مۇئامىلە قىلىپ، بىر-بىرىنىڭ تەرەققىيات يولى ھەققىدىكى تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ ئۈچىنچىدىن، بىر-بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى ھۆرمەتلەپ، ئۆز ئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش؛ تۆتىنچىدىن، ئىككى دۆلەت مەنپەئەتىنىڭ باغلىنىشچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنى تېخىمۇ كەڭ ساھەدىكى ھەمكارلىق شېرىكلىرىگە ئايلاندۇرۇش لازىم. خۇ جىنتاۋ چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودىكى مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش – جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى تۈپ دۆلەت سىياسىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. خۇ جىنتاۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈپ دۆلەت سىياسىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويىدۇ، چەت ئەل مەبلىغىدىن پائال، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، چەت ئەل مەبلىغىنىڭ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش ئۇسۇللىرىنى بېيىتىپ، چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ساھەلىرىنى كېڭەيتىپ، مەبلەغ سېلىشنى قۇلايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇن، بەلگىلىمىلىرىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلىرىنىڭ مۇۋاپىق مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ جۇڭگودا مەبلەغ سېلىپ گۈللىنىشىگە مۇقىم، ئېنىق سىياسەت مۇھىتى، بىر تۇتاش ئېچىۋېتىلگەن بازار مۇھىتى، قېلىپلاشقان يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىدۇ. خۇ جىنتاۋ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ رولى ۋە خەلق پۇلىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىر دۆلەت پۇلىنىڭ خەلقئارا كەڭ قوبۇل قىلىدىغان پۇلغا ئايلىنىشىغا ئۇزۇن جەريان كېتىدۇ. جۇڭگو ئىقتىساد ۋە سودا ئومۇمىي مىقدارىدا دۇنيا ئىقتىسادىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى، خەلق پۇلى دۇنيانىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا بەلگىلىك رول ئوينىدى، لېكىن خەلق پۇلىنى خەلقئارالاشتۇرىمىز دەيدىكەنمىز، خېلى ئۇزاق تارىخىي مۇساپىنى بېسىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
خۇ جىنتاۋ جۇڭگونىڭ سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز – خەلق دېموكراتىيەسى – سوتسىيالىزمنىڭ جېنى، دېموكراتىيە بولمىسا، سوتسىيالىزمنى زامانىۋىلاشتۇرۇشمۇ بولمايدۇ، دەپ قاراپ كەلدۇق. سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش – بىزنىڭ باشتىن-ئاخىر ئېغىشمايدىغان كۈرەش نىشانىمىز. جۇڭگو يولغا قويغان ئىسلاھات – ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەتراپلىق ئىسلاھات. خۇ جىنتاۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى – ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، خەلقنىڭ سىياسىيغا قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈش بىلەن ئۆز ئارا ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. خۇ جىنتاۋ جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىيات يولى ۋە جۇڭگونىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: تىنچ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇش – جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ خەلقئارا جەمئىييەتكە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى، بىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەت چىڭ تۇرىدىغان تاشقى فاڭجېنىمىز. كونكرېت ئېيتقاندا، بۇ- جۇڭگو خەلقىنىڭ جاپالىق كۈرەش ۋە ئىجاد قىلىشى، ئۆز تۈزۈمىنى ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشى، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دوستلۇقتا بىللە تۇرۇشى، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ئارقىلىق، دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشانىنى كۆرسىتىدۇ. خۇ جىنتاۋ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ يېقىن قوشنىسى ۋە كورىيە بىلەن چاۋشيەننىڭ ئورتاق دوستى بولغان جۇڭگو جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ، ئىناق ھەمكارلىشىپ، ئاخىرىدا مۇستەقىل تىنچ بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىپ كەلدى. بۇ – جەنۇپ بىلەن شىمالنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن شۇنداقلا يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا پايدىلىق. خۇ جىنتاۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو مەسىلىسىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. بىز سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق، تىنچ ئۇسۇل بىلەن يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇپ، يېرىم ئارال ۋە شەرقىي شىمالى ئاسىيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن جۇڭگو ئالتە تەرەپ سۆھبىتى مۇساپىسىنى پائال تەشەببۇس قىلىدۇ ھەم ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىز ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش ۋە رايوننىڭ تىنچلىق، مۇقىملىق ئومۇملۇقىدىن چىقىش قىلىپ، ئاكتىپ تەدبىر قوللىنىپ، ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى قايتا باشلاشقا شارائىت ھازىرلاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ھەر قايسى تەرەپلەر ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر كېڭىشىپ، ئالتە تەرەپ سۆھبىتى ئارقىلىق 19-سېنتەبىر ئورتاق باياناتىنى ئومۇميۈزلۈك، تەڭكەش ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن يېرىم ئارالنىڭ يادرو مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، يېرىم ئارال ۋە شەرقىي شىمالى ئاسىيانىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.