26-يانۋار، كولومبىيەنىڭ شىمالى سانتاندېر ئۆلكىسى ساردىناتا بازىرىدا، كان ئىشچىلىرى پارتىلاش يۈز بەرگەن كاننىڭ يېنىدا تۇرماقتا
شۇ كۈنى، كولومبىيەنىڭ شىمالى سانتاندېر ئۆلكىسى ساردىناتا بازىرىنىڭ بازار باشلىقى مالىسا. لەنخېرنىڭ ئېيتىشىچە، ۋەقەدە ئاز دىگەندىمۇ 4 نەپەر كان ئىشچىسى قازا قىلىپ، 10 دىن ئارتۇق ئادەم قاپسىلىپ قالغان ئىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، شىمالى سانتاندېر ئۆلكىسىنىڭ كان ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش ئورگىنىنىڭ باشلىقى ماللىسا. فېرنەندىس ۋەقەدە ئاز دىگەندىمۇ 20 نەپەر كان ئىشچىسى قازا قىلىپ، 6 ئادەم يارلاندى، دېگەن ئىدى.