ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئامېرىكا ئارمىيىسى قورال-ياراغلىرىنى « ئادەمسىزلەندۈرۈش » نى تېزلەتتى

2011-يىلى01-ئاينىڭ29-كۈنىمەنبە:news.okyan.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
مۇداپىئە قورال-ياراغ ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەركەت ھالىتىنى مەخسۇس تەھلىل قىلىدىغان ئامېرىكا DoD Buzz تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گايتىس باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن ئامېرىكا ئارمىيىسى ئەڭ يېڭى قورال-ياراغلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش
  


مۇداپىئە قورال-ياراغ ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەركەت ھالىتىنى مەخسۇس تەھلىل قىلىدىغان ئامېرىكا « DoD Buzz » تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گايتىس باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن ئامېرىكا ئارمىيىسى ئەڭ يېڭى قورال-ياراغلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتىلىپ بولغان. بۇ پىلاندا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيىسى قورال-ياراغلىرىنىڭ « ئادەمسىزلەندۈرۈش » مۇساپىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۆلچەرىدىن تېز ئىكەن.
ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى ئېرىشكەن قورال-ياراغلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەبلىغىدە، ئادەم مەشغۇلات قىلىشىنى كېرەك قىلمايدىغان ئادەمسىز قوراللار يېرىمىنى ئىگەللىگەن. ئېگىز بوشلۇقتا ئۇچالايدىغان« يەر شارى بۈركۈتى » ئۇچقۇچىسىز رازۋېتكا ئايروپىلانى ۋە MQ-9 « ئۆلۈم ئىلاھى »
ئۇچقۇچىسىز ھۇجۇمچى ئايروپىلان تۈرى مەبلەغكە ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى تېخىمۇ ئىلغار ئۇچقۇچىسىز رازۋېتكا ئايروپىلانى ۋە ئۇچقۇچىسىز ھۇجۇمچى ئايروپىلاننى تەتقىق قىلىش رۇخسىتىگە ئېرىشكەن. داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ئادەم ھەيدەيدىغان ئايروپىلان تۈرىدىن پەقەت : F-35A ئۇرۇش ئايروپىلانى تۈرى ۋە يېڭى تىپتىكى يىراق مۇساپىلىق رادارغا چۈشمەس بومباردىمانچى ئايروپىلان تۈرى بار ئىكەن. ئومومىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تۈرى ھاۋا ئارمىيە قورال-ياراغ خام چوتىنىڭ يېرىمىنى ئىگەللىگەن.
دېڭىز ئارمىيىسى جەھەتتە، يېڭى ئاۋىئاماتكا، قوغلىغۇچى پاراخوت ۋە يېقىن دېڭىز ئۇرۇش پاراخوتى  تۈرلىرىمۇ راسخوتقا ئېرىشكەن، ئەمما F-35B تىك ئۇچۇپ قونىدىغان ئۇرۇش ئايروپىلانى تۈرى كېچىكتۈرۈلگەن. نۆۋەتتىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ئاۋىئاتسىيە قىسىمى پەقەت تېخىمۇ كۆپ F/A-18E/F چوڭ سېرىق ھەرە كۈرەشچى ئايروپىلانىنى سېتىۋېلىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەن. كۆپ قىسىم مەبلەغ ھەر خىل تىپتىكى پاراخوتقا سەپلىنىدىغان ئۇچقۇچىسىز ھۇجۇمچى ئايروپىلانلارغا سېلىنغان.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!