
28–يانۋار ، بىرومو يانارتېغىدىن زور مىقداردا قويۇق تۈتۈن ۋە يانارتاغ كۈلى ئېتىلىپ چىقماقتا
يېقىندىن بېرى ئىزچىل ھەرىكەتچان ھالەتتە تۇرغان ھىندونېزىيە بىرومو (Bromo) يانارتېغى 27–يانۋار پارتلىدى . يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا ، بىرومو يانارتېغىدىن شۇ كۈنى ئېگىزلىكى 600 ~ 800 مېتىرغا يېتىدىغان قويۇق تۈتۈن ، يانارتاغ كۈلى ۋە 200 مېتىر ئېگىزلىكتە ماگما ئېتىلىپ چىققان .




28–يانۋار ، بىرومو يانارتېغىدىن زور مىقداردا قويۇق تۈتۈن ۋە يانارتاغ كۈلى ئېتىلىپ چىقماقتا
***
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا ، ياپونىيەدىكى كيۇسيۇنىڭ جەنۇبىدىكى كىرىشىما ياما ئارىلىدىكى しんもえだけ يانارتېغى 26– يانۋار پارتلاپ ، قويۇق ئىس–تۈتەك كۆتۈرۈلگەن . 27–يانۋار سەھەردە توققۇز ئائىلىدىكى 14 ئادەم ئۆزلىكىدىن بۇ جايدىن چېكىنىپ چىققان.



28 – يانۋار، كيۇسيۇنىڭ جەنۇبىدىكى كىرىشىما ياما ئارىلىدىكى يانارتاغدىن قويۇق تۈتەك كۆتۈرۈلمەكتە