ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شىمالىي كورىيەنىڭ « يادرو ئۇرۇشى » غا تەييارلىق قىلىپ قويغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، « رېگان » ناملىق يادرولۇق ئاۋىئاماتكىنى شەرقىي ئاسىيا دېڭىز سەھەسىگە ئەۋەتىشنى قارار قىلغان ئىدى. نۆۋەتتە ئامېرىكا غەربىي تىنىچ ئوكياندا يەنى شەرقىي ئاسىيادا « ۋاشىڭتون» ناملىق ۋە « كارل ۋېنسون » ناملىق ئىككى يادرولۇق ئاۋىئاماتكىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولدى، مۆلچەرلىنىشچە « رېگان » ناملىق ئاۋىئاماتكا 28-دېكابىر يېتىپ كېلىدىكەن. بۇ چاغدا ئامېرىكىنىڭ ئۈچ ئاۋىئاماتكا جەڭگىۋار ئۇرۇش توپى غەربىي تىنىچ ئوكياندا ئورۇنلىشىپ، كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىنى قاتتىق جىددىيلەشتۈرۈپ تاشلايدۇ.
جەنۇبىي كورىيە پىرىزدېنتى لى ميۇڭبەك 12-ئاينىڭ 27-كۈنى جىددىيلىشىۋاتقان كورىيە يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىگە قارىتا، شىمالىي كورىيەنىڭ ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكىگە يۈزلىنىشتە، ئاۋامنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، مەسئولىيەتنى بىر بىرىگە ئىتتىرىپ قويماسلىقنى، شىمالىي كورىيەنىڭ بۇرۇندىن يېتىلەپ مېڭىشقا يول قويماسلىقنى بىلدۈرگەن.
شىمالىي كورىيە « ئەمگەك خەۋەرلىرى» 27-دېكابىر ئوبزور ئېلان قىلىپ، شىمالىي كورىيەنىڭ جەنۇبىي كورىيە ئىغۋارگەرچىلىكىگە بولغان سەۋرى-تاقىتىنىڭ « چەكلىك » ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئەگەر جەنۇبىي كورىيە داۋاملىق ئىغۋاگەرچىلىك قىلسا، « ھەر ۋاقىت قاتتىق جازاغا بېرىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.
مەنبە: سۇمرۇغ تورى(نەپرەت)