چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئامېرىكا بەش بۇرجەكلىك بىنا قارار ماقۇللاپ، تەيۋەنگە لوخىد مارتىن(Lockheed Martin) شېركىتى ياسىغان 226 دانە يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان تاكتىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا(ATACMS) ۋە يۈرۈشلۈك ئەسلىھەسىنى سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىغان.
ATACMS نىڭ ئەڭ يىراق ئېتىش مۇساپىسى 300 كىلومېتىر بولۇپ، ئەگەر بۇ سودا ئەمەلگە ئاشسا، ئامېرىكا تەيۋەنگە تۇنجى قېتىم ھۇجۇمچى خاراكتېردىكى قورال سېتىپ بەرگەنلىكى بولۇپ قالىدۇ.
ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ تاكتىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېستىمىسى(ATACMS) ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرى 21-ئەسىرنىڭ بېشىدىكى مۇھىم قۇرۇقلۇق قورال سېستىمىسى، بۇ قورال كۆپ خىل تېرمىنال ئۈنۈمى، يۇقىرى دەلىللىك، جەڭ مەيدانىدا ھەركەتچان، جانلىق بولۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان.
ATACMS نىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 396 سانتىمېتىر، دىئاممېتىرى 60.69 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 1530 كىلوگىرام، ئەڭ چوڭ ئېتىش مۇساپىسى ۋە جەڭگىۋارلىقى تىپىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ.
ATACMS نى بىرىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇقلۇق ئارمىيە تاكتىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا(Block I) ۋە ئىككىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇقلۇق ئارمىيە تاكتىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا(Block II) غا بۆلۈشكە بولىدۇ، يەنە ھەربىي باسقۇچنىڭ كۈچەيتىلگەن تىپى(Block IA、Block IIA) بار بولۇپ، ئېتىش مۇساپىسى ئادەتتىكى تىپىغا قارىغاندا ئىككى ھەسسە يۇقىرى.