ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

بىن لادېن فىرانسىيەنى ئاففانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇردى

2011-يىلى01-ئاينىڭ24-كۈنىمەنبە:www.nur.cn يوللىغۇچى: ئايگۇل
21-يانۋار ئۆزىنى بازا تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى بىن لادېن، دەپ ئاتىۋالغان بىرىنىڭ سۆز قىلغان ئاۋازلىق ماتىرىيالى يېرىم ئارال تېلىۋىزىيە ئىستانسسى ئارقىلىق توردا تارقىلىپ كەتكەن بولۇپ، ماتىرىيالدا بىن لادېن فىرانسىيە ئامېرىكىنى قوللاپ ئاففانىستاندىكى ئۇرۇشقا
  

 

21-يانۋار ئۆزىنى بازا تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى بىن لادېن، دەپ ئاتىۋالغان بىرىنىڭ سۆز قىلغان ئاۋازلىق ماتىرىيالى يېرىم ئارال تېلىۋىزىيە ئىستانسسى ئارقىلىق توردا تارقىلىپ كەتكەن بولۇپ، ماتىرىيالدا بىن لادېن فىرانسىيە ئامېرىكىنى قوللاپ ئاففانىستاندىكى ئۇرۇشقا «تۆھپە قوشقانلىقىدىن» زور بەدەل تۆلەيدۇ، دېگەن. 
ماتىرىيالدا بىن لادېن يەنە 2009-يىلى ئۇلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئىككى نەپەر فىرانسىيەلىك مۇخبىرنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى، پەقەت ئۇلارنىڭ ئاففانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرىشىنى تەلەپ قىلدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
نۆۋەتتە فىرانسىيەنىڭ ئاففانىستاندا 3750 نەپەر ئەسكىرى بولۇپ، «بازا» تەشكىلاتى فىرانسىيەنى ئامېرىكىنىڭ مۇھىم ئىتپاقدىشى، دەپ بىلىپ فىرانسىيەلىك مۇخبىرلارنى تۇتقۇن قىلىش، ۋە فىرانسىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت ۋاستىلەرنى قوللانغان. بۇنىڭدىن باشقا 2010-يىلى 9-ئايدا، «بازا» تەشكىلاتى 5 نەپەر فىرانسىيەلىك ئاممىنى تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن «تۇتقۇنلارنى ئالماشتۇرۇش» تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!