كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، غەربىي شىمالدىكى ئاراللارنىڭ شىمالىي كورىيەنىڭ ھۇجىمىغا ئۇچراش ۋە ئىشغال قىلىۋېلىش ئېھتىماللىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، جەنۇبىي كورىيە دېڭىز ئارمىيىسى دۈشمەن ئارمىيىسىنى چېكىندۈرۈش مەشىقى قىلىدىكەن.
جەنۇبىي كورىيە دېڭىز ئارمىيىسى ۋە دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇق قىسىمى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى بىلدۈرىشىچە، ئىككى قوشۇن 1-ئاينىڭ 7 ۋە 8-كۈنلىرى غەربىي شىمال ئاراللىرىنى مۇداپىئە قىلىش مەشىقى قىلىدىكەن.
بۇ مەشىق غەربىي شىمال ئاراللارنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ئېھتىماللىقىنى قىياس قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، دېڭىز ئارمىيىسى قوماندانلىق شىتابى، دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇق قىسىم شىتابى، ئىككىنچى فلوت، دېڭىز ئارمىيە قۇرۇقلۇق 6-بېرگادىسى، يېئون پيوڭ ئارىلى قىسىملىرى، دېڭىز ئارمىيە جەڭگىۋار قىسىملىرى قاتنىشىدىكەن.
ئۇرۇش مەشىقىنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بارىدىكەن. بىرىنچى باسقۇچ بىئون يوڭ ئارىلى، ئىككىنچى باسقۇچ يېئون پيوڭ ئارىلى، ئۈچۈنچى باسقۇچ بىئون يوڭ ئارىلى ۋە يېئون پيوڭ ئارىلى تەڭلا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ھەمدە ئىشغال قىلىۋېلىنغان ئەھۋالنى قىياس قىلىپ مەشىق قىلىدىكەن.