ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئىراندا بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

2011-يىلى01-ئاينىڭ10-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
  9-يانۋار  كىشىلەر ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارماقتا    جۇڭگو ئاخبارات تورى 10-يانۋار تېلېگراممىسى :  شۇ يەر ۋاقتى 9-يانۋار سائەت 19:45 دە ، ئىران ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى شىركىتى نىڭ 105 ئادەم ئولتۇرغان ‹‹ بوئىن - 727 ›› تىپلىق بىر يول
  
 
9-يانۋار  كىشىلەر ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارماقتا

   جۇڭگو ئاخبارات تورى 10-يانۋار تېلېگراممىسى : شۇ يەر ۋاقتى 9-يانۋار سائەت 19:45 دە ، ئىران ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى شىركىتىنىڭ 105 ئادەم ئولتۇرغان ‹‹ بوئىن - 727 ›› تىپلىق بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى غەربىي شىمالىدىكى يۇلۇمېللىي ( UluMillay ) شەھىرى ئەتراپىدا چۈشۈپ كېتىپ ، ئاز دېگەندىمۇ 72 ئادەم قازا قىلغان ، 33 ئادەم يارىلانغان . ئىگىلىنىشىچە ، ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشى ناچار ھاۋارايى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن .

   جۇڭگونىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ شىنخۇا تورىغا ئاشكارىلىشىچە ، ئايروپىلاندا جۇڭگولۇق يولۇچىلار يوقكەن .

   ‹‹ بوئىن -727 ›› تىپلىق ئايروپىلان ئامېرىكا بوئىن شىركىتىنىڭ ‹‹ 707 ›› دىن كېيىنلا ياسىغان رېئاكتىۋ يولۇچىلار ئايروپىلانى بولۇپ ، 1963-يىلى ئۇچۇرۇپ سىناق قىلىنغان ، نۆۋەتتە ، ئىشلەپچىقىرىش توختىتىلغان . ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ياسالغان ‹‹بوئىن -727›› تىپلىق ئايروپىلان 1984-يىلى ئىشلىتىلىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بولۇپ ، جەمئىي 1832 دانە ئىشلەپچىقىرىلغان .

   2009 - يىلى 7 - ئايدا ، ئىران كاسپىي دېڭىزى ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى شىركىتىنىڭ ئەرمېنىيەنىڭ پايتەختى يېرېۋانغا قاراپ ئۇچقان ‹‹ 154 ›› تىپلىق بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى تېھراننىڭ ھۇمەينى خەلقئارا ئايرودرومىدىن ئۇچۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ماتوردىن كاشىلا چىقىپ غەربىي شىمالىدىكى شەھەر قازۋىننىڭ ئەتراپىدا چۈشۈپ كېتىپ ، ئايروپىلاندىكى 168 ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان .

   2003-يىلى 2-ئايدا ، ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچى قىسمىنىڭ ئەسكەرلىرى ئولتۇرغان بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ ، ئايروپىلاندىكى 302 ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان .

( مۇھەررىر : مەريەمگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!